ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

 يىلدا بىر كىلىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى. تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلاردا ئەتە جۈمە كۈنى 24- ئاپرىل2020م رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى ھېساپلىنىدۇ.

 بۇ ئاي كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى تەراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرى، دۇئا-تەسبىھلەر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇلۇغ ئايدۇر.

 ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز بۇ مۇبارەك ئاينى ئېغىر مۇسىبەت، قاتمۇ-قات زۇلۇم ئىچىدە كۈتۈۋالماقتا. مىليونلىغان خەلقىمىز زىندانلاردا، يەنە مىليۇنلىغانلىرى لاگىرلاردا، يەنە يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە، ئورگانلىرى ئوغۇرلىنىپ سېتىلماقتا.

 چەتئەللەردىمۇ دۇنيانى قاپلىغان، مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە يولۇقتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېغىر پالاكەت ئېلىپ كەلگەن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئۆيلەرگە سولىنىپ، مەسجىدلىرىمىزدە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيالماي، يېقىن-يورۇقلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز بىلەنمۇ ئۇچرىشالمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە مۇبارەك رامىزاننى كۈتۈۋالماقتىمىز.

شۇنداقتىمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ مۇبارەك ئېيىنى تەبرىكلەيمىز.

 ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمنىڭ تىز پۇرسەتتە ئاخىرلىشىشى، زالىملارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى خەلقىمىزنىڭ بۇ مۇبارەك ئايدا ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەتلەرنى كۆپلەپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

 ئاللاھ تۇتقان روزا، قىلغان ئىبادەتلەرنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن!

 ھۆرمەت بىلەن:

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر