ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Aralık 2019

چىكىنىڭ
مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

مۇبارەك رامىزان تەبرىكنامىسى

 

 بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى، بۇ مۇبارەك ئاي بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلەپ روزا تۇتىدىغان، كېچىلىرى تەراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرىدىن ئىبارەت ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇلۇغ ئاي بولسىمۇ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز بۇ مۇبارەك ئاينى ئېغىر مۇسىبەت، زۇلۇم ئىچىدە كۈتۈۋالماقتا، مىليونلىغان خەلقىمىز زىندانلاردا ناماز ، روزا ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن مەھرۇم ياشىماقتا.

  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار نىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا-تەلەپلەردە بولۇشقا، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ.

 ئاللاھ تۇتقان روزا، قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن!

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2018-05-15

ئىستانبۇل تۈركىيە

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر