ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2018

چىكىنىڭ
مىللىتىمىز دىنى زىيالىلارغا ئېھتىياجلىقمۇ؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

    بۇ تېما قارىماققا ناھايىتى ئاددى ۋە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما روھى دۇنياسى ساغلام بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ سۇئال ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رەسۇلۇللاھقا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر ساڭا نازىل قىلىنغان ھەقىقەتلەرنى ئۈممىتىڭگە يەتكۈزگىن، ئەگەر ئۇنى تۇلۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى ئادا قىلالمىغان بولىسەن.» [سۈرە مائىدە 67-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

    يۇقىرىقى ئىلاھى پەرماننىڭ ھۆكمى بىلەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدىكى ساھابىلەرگە دائىم ۋەز نەسىھەت قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز زىممىسىگە يۈكلەنگەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە داۋاملاشتۇردى.

    ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا يەنى "ۋىدالىشىش ھەججى" دە بارچە مۇسۇلمانلارغا ئەبەدىي ۋەسىيەت قالدۇرۇپ «كىمكى مەندىن بىر ئايەت ئاڭلىغان بولسا ئۇنى ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن، كىمكى مەندىن ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئائىت بىرنەرسە ئۆگەنگەن بولسا ئۇنى بىلمىگەنلەرگە ئۆگەتسۇن. ئى ئاللاھ سەن گۇۋاھ بولغىن! مەن ئۇلارغا يەتكۈزدۈممۇ ؟ ...» مانا بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ، مەزكۇر مۇبارەك زېمىنغا جەم بولغان   بارچە مۇسۇلمانلارغا شۇ ئۇنتۇلماس ۋەسىيىتىنى  قالدۇرغان ئىدى.

     پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى جاراڭلىق ۋەسىيەت-ئامانىتىنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ساھابىلار، ھەج پائالىيىتىدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتماستىن رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا جىددى ئاۋاز قوشۇپ، ئىسلامىي دەۋەتنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاغ-داۋانلار ئاتلاپ، ئايلاپ-يىللاپ يول يۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ۋەسىيىتىگە بىنائەن ئىسلام تەشۋىقاتىنى يەر يۈزىگە يايغان ئىدى.

چۈنكى ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەربىر سۆزى بىز ئۈچۈن ئامانەت، بۇ ئامانەتنى باشقىلارغا يەتكۈزمىسەك قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىش بىلەن بىرگە ئېغىر جازاغا تارتىلىمىز دېگەن تۇيغۇ ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىمكان قەدەر ئادا قىلىشقا تىرىشىپ، ئىسلام دەۋىتىنى ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسى ئۇلى بولغان ئىمانى تەلىم-تەربىيە خزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئىسلام نۇرى چاقناپ، ئىلاھى نۇردىن سان-ساناقسىز ئىنسانلار ھوزۇرلاندى.

    نەتىجىدە ئىنسانىيەت دۇنياسى ئىلاھى نۇردىن خېلى ئۇزۇن زامان خاتىرجەم ھۇزۇرلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىنسانلار ئىچىدىكى ھەسەتخور، ئازغۇن گورۇھلارنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە ھەددىدىن ئىشىشتەك خاتا قىلمىشلىرى تەسىرىدە، نۇرغۇنلىغان مەۋقەسىز ئىنسانلار يەنىلا بۇرۇنقى گۇمراھلىق ھاياتىغا غەرق بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالداپ ۋاقىتلىق كەڭ-تاشا ھايات كەچۈرگەندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن چىركىن ۋە قورقۇنۇچلۇق بىر بۇزۇق جەمئىيەتتە ياشىغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشماقتا.

    ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ، ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئىشەنگەن مۆمىنلەرگە ۋەلى-ھامى بۇلۇپ ئۇلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىشنى ئىرادە قىلىدۇ، كاپىر بولغان تاغۇتلار ئىنسانلارنى نۇرى ھىدايەتتىن، قاراڭغۇ ۋە قۇللۇق زالالىتىگە باشلايدۇ، ئەنە شۇلار دەۋزەختە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 257-ئايەت].

    مېھرىبان ئاللاھ، ئۆزىنىڭ "ئەررەھىم" سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئىككى دۇنيالىق بەخت -سائادەت يولىغا چاقىردى.

    ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى يوق يەردىن يارىتىپ، ئويلىمىغان يەردىن رىزق بېرىپ، كۆز ئالدىدا ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ يەنىلا يېتەكچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى،  ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەنلىكىدىن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ شۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىسە ئىدى، ئۇ ئازغۇن ئىنسانلار ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى  ئۇياقتا تۇرسۇن، قىسقىغىنە پانى دۇنيالىق سىناق ھاياتتىمۇ ھەقىقى ئىنسان دېگەن سۈپەتكە لايىق ياشىيالمىغان بۇلاتتى.

    دېمەك؛ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يەنە شۇ ئىنسان ئىچىدىن بىر يېتەكچى بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئەزەلدىنلا مۇئەييەنلەشكەن بىر ھەقىقەتتۇر. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مۇۋەھھىد، تەقۋادار، ھەقىقەتپەرۋەر، ھەقنى يەتكۈزۈشتە ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئۆز ئۈستىدىكى ئىمانى مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغان، ھەقنى سۆزلەشتە زالىمدىن قورقمايدىغان، رىزقىنى ھالال مېھنەت بىلەن ئىزدەيدىغان، ھارامدىن يىراق تۇرىدىغان، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىدىغان، ئۆزلىرى بىلگەنگە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى ئىلىم ئىگىلىرىگە ھەر زامان ئېھتىياجى بار.

    چۈنكى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇزۇن يىللىق مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈز ئېتىقادىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالغاندىن تاشقىرى، ئىنساننى دىنسىزلىق ئىدىلوگىيەسى بىلەن ئازدۇرۇپ يېتىلدۈرۈش نەزىرىيە-پەلسەپىلىرىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىنسان تائىپىسىدىن دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن تېنىپ، ئەينى زاماندا ئاللاھ تەرىپىدىن خار-مايمۇنغا ئۆزگەرتىلگەن بىر ھايۋاننىڭ ئەۋلادىمىز دېيىشتەك بىمەنە چۈشەنچە ۋە خاتا كۆز قاراشلارغا دۇچار بولۇشتى. بۇخىل خاتا قاراشلارنىڭ ئىجادكارى بولمىش ئازغۇن دارۋىن پەلسەپىسى ئاللىقاچان تامامەن گۇمران بولغان. ئۇنىڭ ئازغۇن ئېتىقاد ۋە خاتا ئەپكارلىرىدىن زەھەرلەنگەن نەچچە مىليونلىغان ئىنسانلار ئۆز يولىنى تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا مىللىتىمىز ئىچىدىن يەنە شۇنداق خاتا ئىدىلوگىيەلەر بىلەن زەھەرلەنگەن بىر تۈركۈم كېسەل روھلارنى داۋالاشتا، يەنىلا شۇ ئىلاھى ئىلىم بىلەن قوراللانغان ئالىم-ئۆلىمالارغا كۈچلۈك ئېھتىياجىمىزنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

    ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىخلاسمەن ئەھلى-ئىلىملارنىڭ دىنى تەلىم-تەربىيەگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچىدىكى بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى چەكسىز، ئاللاھنىڭ كىتابىغا بولغان ئىشەنچ-تۇيغۇلىرى ناھايىتى يۇقىرى، مەسجىد-جامىلەرگە قارىتا ئىخلاسى مۇستەھكەم، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى رىقابەتلەرنى غەلىبىلىك ھالدا باشتىن كەچۈرۈپ، ناھايەت دەرىجىدە ئېچىنارلىق ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئاچچىق-ساۋاقلارنى يەكۈنلىدى. بۇنداق تارىخى سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈشتە، مىللىتىمىز ئالىم-ئۆلىمالىرىنىڭ ئاساسى يېتەكچىلىك رولى ئىنتايىن مۇھىم ۋە قىممەتلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار ھەردائىم ئۆز دىنى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇشتى ۋە ئۇلارغا روھى تەسەللى بېرىپ، قەلبلىرىنى ئىمان نۇرى بىلەن ھوزۇرلاندۇردى. شۇ جاپالىق كۈنلەردە يۈزلىگەن ئالىم-ئۆلىمالىرىمىز ۋە مىڭلىغان ئىخلاسمەن دىنى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ئاساسلىق تۆھپىسىنى قوشتى.

كاللىمىزنى سىلكىپ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھازىرمۇ مىللىتىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇملار ئاخىرلاشقىنى يوق، بەلكى بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەجبۇرى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش، مىللى كىملىكىمىزدىن ئايرىش خاراكتېرىدىكى سىياسى ۋە ئېتنىك زۇلۇملىرى كۈنسايىن ئاشماقتا. بۇ زۇلۇملارغا ھەرزامان ۋە ھەرماكاندا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنە شۇ دىنى ئالىملىرىمىزغا چۇڭقۇر ئېھتىياجىمىز بار. چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھى دۇنياسىنى ئەزەلدىن پاك ساقلاپ كەلگەن ۋە ئۇلارنى يېڭىلمەس مەنىۋىي ئۇزۇق بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن كۈچ پەقەتلا مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام روھىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى ھاۋا بىلەن سۇغا قانداق   ئېھتىياجلىق بولغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئالىملىرىغىمۇ شۇنداق ئېھتىياجلىقتۇر.  

    مىللىتىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئالىم-ئۆلىمالىرىغا بېلىق سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك چۇڭقۇر ئېھتىياجى بولىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ دىنى زىيالىلىرىمىز ئۆز ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىۋاتامدۇ، يوق؟ بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    ئانا ۋەتىنىمىز تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، مۇستەقىل دۆلىتىمىز ئاغدۇرۇلغان، دۆلەت ئەربابلىرىمىز ۋە دىنى يېتەكچىلىرىمىز ۋەھشىلەرچە قەتلى قىلىنغان، كىتاپ-قۇرئانلىرىمىز كۆيدۈرۈلگەن، مەسجىد-مەدرىسىلىرىمىز دەپسەندە قىلىنغان، مەدەنىي يادىكارلىقلىرىمىز خانە-ۋەيران قىلىنغان ئەشۇ كۈنلەردە، مىللىتىمىزنىڭ بىرتۈركۈم ئوتيۈرەك دىنى ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى دىن، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ، ئۆز ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا مەردانىلەرچە شەھىد بولۇشتى. ھايات قالغان بىر تۈركۈم بىلىم ئەھلىلىرى ئۆز ماھىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېچىلىرى يەر ئاستى گەمىلەردە، قەبرىستانلىقلاردا جىن چىرىغىنىڭ سىېسىق پۇرىقىدا دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللاندى. ساغلام ئېتىقادلىق ئالىملىرىمىزنىڭ شۇنداق جاپا-مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ھەرتۈرلۈك ۋەسىلىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش، ساغلام ئېتىقادى كۆزقاراش بىلەن تەربىيىلەش، ئىنساندەك ياشاش يولىغا يېتەكلەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە مىللىتىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە مىللى غۇرۇرى بۈگۈنگە قەدەر شۇنچىلىك بولسىمۇ ساقلىنىپ كەلدى.

    ھالبۇكى بۈگۈنكىدەك زامان تەرەققى قىلغان، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە ھېچقانداق باھانە ئىزدەش مۇمكىن بولمايدىغان، ھەممە شارائىت تۇلۇق، ئىزدەنسىلا يول تېپىلىدىغان ۋە جاي تېپىلىدىغان دەۋرىدە، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياش يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىۋاتىدۇ؟.

    ئۆتكەن ئەسىر 80-يىللاردىن كىيىن مىللىتىمىز ئىچىدە ھەقىقى تۈردە دىنى تەلىم-تەربىيەگە قىزىقىش دولقۇنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەۋج ئالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ 1983-يىللاردىن باشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ رەسمى دىنى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىن، بىر بۆلىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇقۇش ھاياتى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ۋەتەنگە قايتقان بولسا، بەزىلىرى مەكتەپ مۇددىتى تاماملانغاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش يولىدا، مىللىتىمىزنىڭ دىنى ئېھتىياجى قەيەردە بولسا شۇ يەرگە بېرىپ، دىنى تەشۋىقات ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە ئاتلاندى ۋە ئاتلىنىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىلىم ئېلىش جەريانىدىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ياكى پۇل تېپىش ئىستىكى بىلەن ئۇقۇشنى قۇشۇمچە تىجارەت يولىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا سودا "ئىمپورت-ئېكسپورت"  ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

    مىللىتىمىز قانداق دىنى زىيالىيلارغا ئېھتىياجلىق ۋە قانداق دىنى زىيالىلار مىللىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىن ئېتەلەيدۇ؟. بۇ مەسىلىنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئويلىنىشى لازىم بولىدۇ.

    مىللىتىمىز ئەزەلدىنلا سودا ئىشلىرىغا ماھىر، تىرىشچان خەلق بولغاچقا، ئۇنداق ئىلىم يۇرتىنى تاشلاپ باي بولۇشنى ئويلايدىغان دىنى زىيالىلارغا زادىلا ئېھتىياجلىق ئەمەس. چۈنكى مىللىتىمىز پۇل بىلەن ئىلىمنىڭ ئورنى ۋە قىممەت ئۆلچىمىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا پۇل دىسە ئۇخلىغان يېرىدىن سەكرەپ تۇرىدىغان سوپى-تالىپچاقلارغىمۇ، كىم ۋە كىمنىڭ ئەۋلادى بولىشىغا قارىماستىن ئۇلارغا ھەرگىز ئېھتىياجى يوق!!!.

    مىللىتىمىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ دائىم ئېھتىياجلىق بولىدىغان دىنى زىيالىلار شۇلاردىن ئىبارەتكى؛ ئۇلار ئىمان ئېتىقادىدا دائىم مۇستەھكەم تۇرىدىغان، ئىسلامنىڭ بارچە ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىدىغان، ئاللاھ يولىدا جان بېرىشكە ھەر ۋاقىت ھېرىسمەن بولغان، ئەمرى- مەرۇپ ۋە نەھى مۇنكەر ئىشلاردا دائىم جامائەت ئالدىدا تۇرىدىغان، ئاخىرەتنى بۇ دۇنيادىن ئەلا بىلىدىغان، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان، كىشىلىك ئەخلاقى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن زىننەتلەنگەن ، ئىش-ھەرىكەتلىرى تامامەن ئىسلام كۆرسەتمىسى دائىرىسىدە بولغان تەقۋادار، ئەمەلىيەتچان دىنى زىيالىلارغا مۇھتاج.

    يۇقىرىقىدەك سۈپەتلەرگە ئىگە دىنى زىيالىلىرىمىز يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈزلەپ تېپىلسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ئاشكارە ۋە جانلىق جارى قىلىشتا بەكمۇ پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇشماقتا.

    دىنى ساھەلەردە دوكتۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۈنۋانلىرىغا ئېرىشكەن ئونلاپ-يۈزلەپ دىنى زىيالىلىرىمىز تۇرۇقلۇق، بۈگۈنگىچە شارائىتىمىز بار يەرلەردە بىرەر "دىنى ئۆلىمالار بىرلەشمىسى"نىڭ ۋۇجۇتقا كەلمەسلىكى، 30 دىن كۆپ دۆلەتلەردە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان مۇھاجىرلىرى ياشاپ تۇرۇقلۇق، دىنى زىيالىلىرىمىز بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلانماسلىقى ۋە ياكى مەلۇم بىرەر دۆلەتنى مەركەز قىلغان ھالدا دىنى ۋە مىللى مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يازلىق كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەنمەسلىكى، دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر دىنى زىيالىلىرىنىڭ سەلقاراپ كەلگەن بىر مەسىلىسى بۇلۇش بىلەن بىرگە، مىللەت ئالدىدا ئۆزلىرىنى ئاقلىيالمايدىغان خاتالىق ۋە كەمچىللىكلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

    مېنىڭ بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب؛ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىسلامىي تەشۋىقاتنىڭ بولماسلىقى ئاقىۋىتىدە، ئۆز دىنىدىن ئادىشىپ غەيرى دىنلارنى قوبۇل قىلىش ياكى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن نومۇس قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

    ئاللاھ ھەربىر قەۋم ئۈچۈن، شۇ قەۋم ئارىسىدىن بىر تۈركۈم دىنى ئالىملارنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىز خەۋەر بەرگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

بىراق شۇ ئۆز قەۋمىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان دىنى ئالىملار كىملەر؟

    مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان تىلىمىز بىر، دىنىمىز بىر بولغان ئاتالمىش دىنى زىيالىلارمۇ؟، ياكى بولمىسا دىندىن خەۋىرى بولمىغان، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى دىنسىزلىق پەلسەپىسى بىلەن ئۆتكەن قۇرۇق پەلسەپىچىلەرمۇ؟ ۋە ياكى ئىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان تۇرۇقلۇق ئىسلامغا بولغان ئىمانى-ئېتىقادى كۈچلۈك، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا بولغان سۆيگۈ-ساداقىتى چەكسىز، ئەمما بىرەر دىنى سۇئال سورالسا جاۋاب بېرىشنى بىلمەي تىرناق تاتلايدىغان ئوت يۈرەك دەۋەتچىلەرمۇ؟ ۋە ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىسلامىي بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى زىيالىلارمۇ؟. ئۇنداقتا ئارىمىزدا جانابى ئاللاھتىن ھەقىقى تۈردە ئەيمىنىدىغان ئۆلىمالار تىپىلامدۇ؟ ئىسلامنىڭ مۇقەددەس تونىنى كېيىپ، بىز ئەھلى-ئىلىم دەپ دەۋا قىلىۋاتقانلىرىمىز ئاللاھنىڭ بۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلغاندا رەببىمىزدىن ئۇيالمايمىزمۇ؟! «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ،» [سۈرە پاتىر 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ئۇنداقتا بۇ ئۇلۇغۋار خىزمەتنى قايسى تۈردىكى دىنى زىيالىلار ئۇستىگە ئالالايدۇ؟!.

    دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىلارغا بولغان ئېھتىياجى قايسى دەرىجىدە بولىۋاتىدۇ؟.

دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئادا قىلىۋاتىدۇ؟.

    مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىمىز بۇندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنى زىيالىلىرىغا ئېھتىياجلىقمۇ؟.

دىنى تەشۋىقات ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرى ئومۇمى يۈزلۈك چەكلەنگەن ئۇيغۇر دىيارىدا، دىنى زىيالىلىرىمىزنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قانچىلىك؟.

    ھۆكۈمەت تەرەپتىن قويۇلغان چەكلىمىلەر دىنى زىيالىي ۋە ئەھلى-ئىلىملار ئۈچۈن ئاللاھ ئالدىدا ئاندىن كىيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئالدىدا ئۆزرە بولالامدۇ؟.

    دىنى زىيالىلار سۈكۈت ۋە غەپلەت ئىچىدە ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇماستىن ياشىسا، ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگۈرۈش بولارمۇ؟. ئۇلار نېمىنى كۈتىدۇ؟. ھۆكۈمەتنىڭ "ئى ئۇيغۇر دىنى زىيالىيلىرى ئۆزۈڭلار خالىغانچە دىنى تەشۋىقات قىلىڭلار" دېيىشىنىمۇ!؟. ئەھلى-ئىلىملار ئاقارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى ئېھتىيات قىلىپ مەزكۇر خىزمەتتىن ۋاقىتلىق ئۆزىنى قاچۇرسۇن، ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى بولىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن، يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچكىمگە يۆلەنمىسۇن.» [سۈرە تەۋبە 51-ئايەت].

دىنى زىيالىلار ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن، ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ياكى مىللەتتە ئومۇمى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشنى خالايدىكەن، كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر، ساغلام ئەقىدىنى ئاساس، شەرىئەتنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا ھەربىر شەخس ئىسلاھاتنى ئۆزىدىن باشلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

     بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت - ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ». [سۈرە رەئد 11-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا يېتەكلەپ، دىنىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا، بىر-بىرىمىزگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقا، ھەقنى يەتكۈزۇش يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋرى قىلىپ، بىر-بىرىمىزگە ئىگە چىقىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

     ئى ئاللاھ سەندىن ئەھلى-ئىلىملىرىمىزگە ئىنساپ ۋە ھىدايەت ئاتا قىلىشىڭنى ۋە ئۇلارغا ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل قىلىپ كۆرسىتىشىڭنى تىلەيمىز. ئامىن...

 

باشقا خىزمەتلەر