ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Haziran 2019

چىكىنىڭ
مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەۋسىيە

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا سەمىمىي تەۋسىيە

     مۇھەممەد يۈسۈپ

بسم الله الرحمن الرحيم

الحمد لله رب العالمين والصلاة والسلام على أشرف المرسلين سيدنا محمد وعلى آله وصحبه ومن تبع هداه الى يوم الدين.

   ئالدى بىلەن مىسىر دىيارىدا شەرئى ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا  جانابى ئاللاھ تائالادىن ئامانلىق، مەدەت ۋە كۆڭۈل ئاراملىقى تىلەيمەن.

  ئەزىز قېرىنداشلار! مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئىلىم-ئىرپان بېرىپ كېلىۋاتقان شەرەپلىك ئەزھەر بىلىمگاھىغا بېرىپ ئوقۇشقا كېرىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس، بۇرۇنقى زامانلارغا سېلىشتۇرغاندا ھەرگىزمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس. سىلەر جانابى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ شەرەپلىك بىلىمگاھقا بېرىىشقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يولىدىكى بەختلىك كىشىلەر بولۇپ، سىلەرنىڭ ھەربىر قەدىمىڭلار، ھەربىر تىنىقىڭلار ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتىڭلار ۋە مەرتىۋەڭلەرمۇ ھەرگىز ئاددىي ئەمەس. شۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ۋە شۇنداق ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بەدەل تۆلىنىدۇ. بۇ بەدەلنى مۇجاھىدلار جىھاد مەيدانلىرىدا ئىسسىق جانلىرىنى قۇربان قىلىپ تۆلىسە، سىلەردەك مەرىپەت يولىدىكى مۇجاھىدلار ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدىكى جاپالار، ئىزتىرابلار ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن تۆلەيدۇ. ھېچقانداق نەتىجە جاپاسىز كەلمەيدۇ.

   ئەپسۇسكى، يېقىندىن بېرى سىلەرنىڭ مىسىردىكى ئارامىڭلار بۇزۇلغاندەك، كۆڭلۈڭلار بىئارام بولغاندەك قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن تەشۋىش، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلارنى ئويلاش بىلەن يۈرىكىڭلار سىقىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. جانابى ئاللاھ تائالادىن سىلەرگە ئامانلىق، كۆڭۈل شادلىقى، ئاراملىق ۋە ياخشى بىر مۇھىت تىلەيمەن. سىلەرنىڭ چېكىۋاتقان ئىزتىراپلىرىڭلارنى جانابى ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنى مۇكاپاتسىز قويمايدۇ. ئۇنۇتماڭلاركى، بۇرۇنقى ئۆلىمالىرىمىزمۇ شۇنداق جاپا چەككەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل تۈرمىلەرگە تاشلانغان. ئىمام بۇخارى قاتارلىق ئۆلىمالار ئۆز يۇرتىدىن پالانغان ۋە نۇرغۇنلىغان جاپالارنى چەككەن. بۇ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان ئوت يۈرەك جەسۇرلارنىڭ ئورتاق قىسمىتىدۇر.

   ئەزىز قېرىنداشلىرىم! مىسىردا ئۇ بولۇپتۇ، بۇ بولارمىش دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەرگە ئالدىنىپ، ئوقۇشۇڭلارنى تاشلىماڭلار، مىسىردىن كەتمەڭلار، چىداملىق بولۇڭلار، بۇ ئۇلۇغۋار سەپىرىڭلاردىن قايتماڭلار. سىلەر ھازىر ياش بىلىم ئالىدىغان ۋاقتىڭلاردۇر. يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇيمەن دېسەڭلارمۇ ئۇ ئوڭايغا توختىمايدۇ، ئادەمنىڭ يېشى ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۇنىڭ بىر نەرسە ئۆگىنىش پۇرسىتى كېمىيىپ بارىدۇ.

   ئەزىز قېرىنداشلار! سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئاتلانغان ئىكەنسىلەر، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشىڭلار كېرەك. ئىسلام تارىخىنى سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلەر ۋە تارىختىكى مەشھۇر قوماندانلار ئالدىغا چىققان قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلارغا تەن بېرىپ يولىدىن، غايىسىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، بۇ دىن بىزلەرگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولاتتى. ۋاز كېچىش ناھايىتى ھالاكەتلىك ئىشتۇر. سىلەر ھەرگىز ۋاز كەچمەڭلار، يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنى يېرىم يولدا قويمايدۇ، قورقۇنچلارغا، ۋەھىمىلەرگە يەم قىلىپ بەرمەيدۇ. سىلەردە مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئاللاھ تائالاغا قارىتا توغرا قاراش بولسۇن!.

   ئەزىز قېرىنداشلار! ئەگەر سىلەر بۇ قېتىم ئاساسى يوق ۋەھىمىلەرگە ئالدىنىپ ئوقۇشنى توختاتساڭلار، نەگە بارىسىلەر؟ مىسىردىن ياخشى نە بار سىلەرگە؟ ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى ئوقۇپ ئالىم بولسۇن دەپ مىڭ بىر جاپادا مىسىرغا ئەۋەتكەن تۇرسا، ئەمدى سىلەر يېرىم يولدا توختاپ قالساڭلار، ئۇلارغا نېمە دەپ يۈز كېلىسىلەر؟ ئاللاھ تائالاغا نېمە دەيسىلەر؟ سىلەر ئاللاھ يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ۋاز كەچسەڭلار، جىھاد مەيدانىدىن قاچقاندەك بولمامسىلەر؟ بۇنى ئويلاپ كۆردۈڭلارمۇ؟ ئاللاھ تائالاغا تايىنىش دېگەن مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئەمەلگە ئاشمامدۇ؟.

    ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ يولىدا ئىزچىل يۈرگەن، ئىرادىلىك كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ كەلگەن. مىسىردىن بۇ قېتىم ئايرىلساڭلار، قايتا بارالماسلىقىڭلار مۇمكىن. چۈنكى پۇرسەت دېگەن ئىنسان ھاياتىدا بىر قېتىملا كېلىدىكەن. بىزنىڭ بېشىمىزدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتتى. بىزمۇ ئوقۇش جەريانىدا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، كۆپ ئىزتىراپ ئىچىدە ئىدۇق، نەگە بېرىپ، نېمە ئىش قىلىشىمىزنى، نەدە تۇرۇشىمىزنى بىلەلمەيتتۇق. پەقەتلا ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنەتتۇق، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلاتتۇق ۋە ئۆزىمىزنى ئالاھ يولىدا دەپ چىن ئېتىقاد قىلاتتۇق.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇنداق ئىزتىراپلىق، تەشۋىشلىك ۋە ۋەھىمىلىك كۈنلەردە سىلەر ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ يېقىن بولۇشقا تىرىشىڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە يېقىنلىق ئىزدىگەن بەندىلىرىنى ياردەمسىز، چارىسىز قويمايدۇ. بۇلار بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەردۇر. بىز دۇئايىمىز ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردىمىمىز بىلەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللىمىز، سىلەرنى قوللايمىز، سىلەرگە ئاللاھ تائالادىن ئامانلىق، ياخشى مۇھىت ۋە ئوبدان شارائىت تىلەيمىز.

    ئەزىز قېرىنداشلار! سىلەر بۇ قېتىم بەل قويۇۋەتسەڭلار، چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئوقۇش ۋە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مىسىردەك ياخشى يەر يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مىسىردا ئوقۇشتىن باشقا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. بىر تالىب ئۈچۈن شۇنداق ئوقۇشتىن باشقا ئىش قىلغىلى بولمايدىغان شارائىت كېرەك. بۇ دەل مىسىردا بار.

   ئەزىز قېرىنداشلار! مەن سىلەرگە تەسەللى بېرىشكە كىچىككەن بولساممۇ پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە سىلەرگە چىن يۈرىكىمدىن كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلدىم. قوبۇل قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۇن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرنى زېمىننىڭ قەيەرىدە بولساڭلار ئۆزى ھېمايە قىلسۇن ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

باشقا خىزمەتلەر