ھىجرىيە: | مىلادىي: 29 Mart 2024

چىكىنىڭ
مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نى تۇتقۇن قىلىش پاجىئەسى ھەققىدە بايانات

 

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نى تۇتقۇن قىلىش پاجىئەسى ھەققىدە بايانات

  يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بىرى مىسىرنىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرى قاھىرەدە ئەزھەر ئۈنۋەرستېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇشقا ئۆتۈشنى كۈتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئاشخانىلار ۋە يوللاردا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلاردىن گەپ سوراپ، مەن ئۇيغۇر دېگەن ھەر بىر كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى، يۈزلەرچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرالماي قېچىپ، مۈكىنىپ يۈرگەنلىكى، مىسىردىن كىتىش ئۈچۈن قاھىرە ئايردرومىغا چىققانلارنىمۇ تۇتۇپ كەتكەنلىكى جەزمىلەشكەن، 70تىن ئارتۇق بالىنىڭ قاھىرە ساقچى مەركىزىگە ئېلىپ كىلىنىپ، قوللىرىغا ئىشكال سېلىنغان ھالدا نامەلۈم تەرەپكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى.

  بۇندىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن خىتاي ھاكىمىيىتى مىسىرغا ئۆمەك ئەۋەتىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىر تەرەپتىن نەسىھەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەھدىت سېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش تەشەببۇسىدا بولغان. ۋەتەندە ئاتا-ئانا، ئورۇغ-تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ، تۇرمىلارغا سولاپ، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنى قايتۇرۇپ كىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتقانلارنى ئۈرۈمچى ئايردرومىدىنلا تۇتۇپكەتكەن ئەھۋاللار ھېچكىمگە سىر ئەمەس ھەقىقەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىنى بىلىم ئېلىشىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە چەكلەپلا قالماستىن دۇنياغا داڭلىق ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىدىمۇ چەكلەشكە ئورۇنۇشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياقئاستى قىلغانلىقتۇر.

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى چېكىدىن ئاشقان زالىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ ۋە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر