ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
ماكرون خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى «قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ ئەيىبلىدى

ماكرون خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى «قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ ئەيىبلىدى

فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ۋە زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ماكرون تۈنۈگۈن پارلامېنت ئەزاسى ئارېلىئېن تاچېنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خېتىگە جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مۇئامىلە ۋە زۇلۇمنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى «تەربىيلەش مەركەزلىرى» نامىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان لاگېرلارنى تاقاش مەسىلىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ماكرون بۇ لاگېرلاردىكى قىلمىشلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

6- سىنتەبىر شەنبە كۈنى يېزىلغان بۇ مەكتۇپتا، ماكرون يەنە لاگېرغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان 21- ئىيۇل خىتاينىڭ خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرىشىگە دەرھال يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

http://turkistantimes.com/uy/news-13502.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر