ھىجرىيە: | مىلادىي: 13 Aralık 2018

چىكىنىڭ
قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر

قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى جىسمانىي ئىبادەتلەرگە، خۇسۇسەن زاھىرىي ئىبادەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قەلب بىلەن قىلىنىدىغان، كىشىلەر كۆرمەيدىغان ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ھالبۇكى، قەلبنىڭ ئەمەللىرى بەدەننىڭ ئەمەللىرىدىن مۇھىم ۋە ئەڭ ئېتىبارلىقتۇر. قەلبنىڭ ئەمەللىرى ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قەلبنىڭ ئىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئادەمنىڭ ئاقىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ. ساغلام قەلب ئاخىرەتتە نىجاتلىق ئېرىشىشنىڭ كاپالىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:] ئۇ كۈندە بالىلار ۋە مال-دۇنيا ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئادەملا پايدا تاپىدۇ[دەيدۇ. قەلبنىڭ ساغلاملىقى ئادەمنىڭ مۇكەممەللىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۇنۇتماڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزۈلسە بەدەننىڭ ھەممىسى تۈزۈلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا، بەدەننىڭ ھەممىسى بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ قەلبتۇر دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

قەلب بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر جىسمانىي ئىبادەتلەردىن مۇھىم ۋە ساۋاب جەھەتتە يۇقىرىدۇر. قەلبنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇھىملىرى ئىخلاس، تەقۋالىق، سەۋر، قورقۇش ۋە ئۈمىدتۇر. بۇلارنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

ئىخلاس

ئىخلاس- قىلىدىغان ئەمەلنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا قىلىش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن باشقا بىر مەقسەتنى ئويلىماسلىق دېگەنلىكتۇر. ئىخلاس ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بىرىنچى شەرتتۇر. چۈنكى ئىخلاس بىلەن دىندا كۆرسىتىلگەن بويىچە قىلىنمىغان ئەمەل قوبۇل بولمايدۇ.

ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيادۇر. قىلىنغان ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەقىقىي ئىخلاس ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ قىسىسىي ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زالىم نەمرۇد تەرىپىدىن ئوتقا تاشلانغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن پەرىشتە جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ: خالىساڭ ساڭا ياردەم قىلاي ۋە سېنى ئوتتىن قۇتۇلدۇراي دېگەن تەكلىبىگە جاۋاپ بېرىپ: پەرۋەردىگارىم مېنىڭ بۇ ھالىمنى بىلىدۇ شۇنداقمۇ؟دەپ سورايدۇ. جىبرائىل: ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە بىلىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا ساڭا ئېھتىياجىم يوق، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ بۇ ھالىمنى بىلىشى ماڭا يېتىدۇدەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي چىن ئىخلاسنىڭ بىردىنبىر مىسالىدۇر.

ئىخلاس توغرىلىق كەلگەن ئايەت ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجات يولى پەقەت ئىخلاستىدۇر. ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ۋە ماددىي، مەنىۋىيىتىگە كېپىللىك قىلالايدىغان ئىخلاستىن بۆلەك ئىككىنچى بىر خىسلەت يوقتۇر. بىراۋنىڭ ئىخلاسىنى قازانماق ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئىشتۇر. چۈنكى زەررىچىلىك ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەل، ئىخلاسسىز قىلىنغان مىڭلارچە ئەمەل- ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر.

ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىخلاس تەلەپ قىلىنىدۇ. ناماز ئوقۇشتا، روزا تۇتۇشتا، زاكات بېرىشتە، ھەج قىلىشتا، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتا، يېتىم يېسىرلارغا ياردەم قىلىشتا، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەشتە ئىخلاس باغلاپ ئىش قىلىش لازىم. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىخلاسى باردۇر، مەسىلەن: سەمىمىي ئىخلاس بىلەن باغلانغان مۇھەببەتنىڭ بىر زەررىسى بېرەر مەنپەئەت يۈزىسىدىن باغلانغان مۇھەببەتتىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە قىممەتلىكتۇر. چىن مۇھەببەتنى كۆرۈشنى خالىغان كىشى ئانىلارنىڭ تەبىئىتىگە قارسا بولىدۇ. ھەقىقىي خالىس مۇھەببەتكە ئانىلار سازاۋەردۇر. ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چىن دىلىدىن بالىلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىپ، چوڭ قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بالىلىرىدىن بېرەر مۇكاپات ياكى سوۋغا -سالام تاما قىلمايدۇ، بېرەر پايدا كۆزلىمەيدۇ. ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغان ئىكەن، شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۈ بىلەن ئىخلاس قىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇخلىسىغا ئايلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا چىن ئىخلاس بىلە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ ئىبادەتلەرنى خالىس ئاللاھ تائالاغا قىلىشلىرىنى، دۇئالىرىنى سەمىمىي قىلىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئىبادەتتە كەيپىيات بەك مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئەمەل - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنى دىنغا ئەگەشتۈرۈش بىلەن قازىنىلمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى پەقەت ئىخلاس بىلەنلا قازىنىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە بېرەر ئېغىز سۆز ياكى بېرەر ياخشى نىيەت ھەقىقىي سائادەتكە ۋە مەڭگۈلۈك نىجاتلىققا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئەمەل- ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ قىلىنىشىغىلا قارىماستىن، بەلكى قەلبتىكى ئىخلاسقا قاراش كېرەك. چۈنكى كېرەك بولغىنى ئىخلاستۇر. مەن بۇ سۆزۈم بىلەن، ئەمەل ئىبادەتلەرنى ۋە دىنغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىنى پايدىسىز دېمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى مۇشۇ ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ قىممەتكە ئىگە بولۇشى ئىخلاس بىلەن بولىدۇ دېگەننى ئوچۇقلىماقچىمەن. زادى ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلىمەستىن باشقا مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قىلىنغان پۈتۈن ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەر بىكاردۇر. مەسىلەن: كۆمۈر كىلوگرامما بىلەن ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن بولسا گرامملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۈرگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسالدىن ئىخلاسلىق ئىبادەت بىلەن ئىخلاسسىز ئەمەل- ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

تەقۋالىق

تەقۋالىق- ئاللاھ تائالاغا ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش دېگەنلىك بولۇپ، قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىن سانىلىدۇ. ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى بىلىپ، ئۇلارنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم تەقۋا ئادەم دېيىلىدۇ. چۈنكى تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى ساقلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. نېمىدىن ساقلىنىش؟ تەبىيئىكى، گۇناھتىن ساقلىنىش، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر. شۇڭا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئادەم تەقۋا ئادەمدۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە، ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ تەقۋالىقىدۇر.

تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىغا توساق قويۇش ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغاننى زىيانغا ئۇچراتقۇچىدىن قوغداش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ ئىتتەقا بى فەرەسىھى يەنى قالقىنى بىلەن ئۆزىنى قوغدىدى، دېگەن سۆزى ۋە ساھابىلارنىڭ قاتتىق ئۇرۇش ئەسناسىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىغا كېلىۋېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ ئوقيالىرىدىن قوغدانغانلىقىنى ئىتتەقەينا بىرەسۇلىللاھ دەپ ئىپادىلىگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقۋالىقنى مۇنداق بايان قىلغان: بىر-بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلار، ئۆزۈڭلار ئالمايدىغان مالنى باشقىلارغا سېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ بۇ مالنى ماختاپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئاشۇرماڭلار، بىر-بىر-بىرىڭلارغا ئاداۋەت تۇتماڭلار، بىرىڭلارغا تۇزاق قۇرۇشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ياردەمگە مۇھتاج بولغان چېغىدا ئۇنى تەرك ئەتمەيدۇ، ئۇنى خار ۋە ھېقىر كۆرمەيدۇ. تەقۋالىق بۇ يەردىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆكسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: تەقۋالىق بۇ يەردە! دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەقۋالىق دەپ سانىغان. ئۇ يەنە: ئىنساننىڭ گۇناھكار بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى خار كۆرۈشى يېتەرلىكتۇر، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننى بوزەك قىلىشى قەتئىي ھارامدۇر، ئۇنىڭ قېنى، مال-مۈلكى ۋە نومۇسىغا تېگىش ھارامدۇر دېگەن.

سەۋر

سەۋر قەلبنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرى بولۇپ، سەۋرنىڭ دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرىدۇر. سەۋر مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇلچىلىق ئىشىدا چىدام كۆرسىتىش، ئىككىنچىسى، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشتا ئىرادىلىك بولۇش، ئۈچىنچىسى بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلار ۋە مۇسىبەتلەر ئالدىدا سەرۋلىك بولۇش قاتارلىقلاردۇر. ئىمان ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل مۇنداق دېگەن: سەۋر قۇرئان كەرىمدە توقساندىن كۆپرەك ئورۇندا زىكىر قىلىندى. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خىسلىتى ۋە ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. ئىماننىڭ قالغان يېرىمى شۈكرىدۇر.

قورقۇش

قورقۇش- ئاللاھ تائالادىن قورقۇش قەلبنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر. ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ئىبادەتلەرنىڭ كاتتىسىدۇر. ھەقىقىي مۇئمىن ئادەم چوقۇم قورقۇش ۋە ئۈمىد ئارىسىدا ياشايدۇ.

- مۇئمىن ئادەم ئەمەلىنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن قورقىدۇ.

- مۇئمىن ئادەم گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنماسلىقىدىن قورقىدۇ.

- مۇئمىن ئادەم بىرەر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقىدۇ.

- مۇئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىن ھەققىنى ئادا قىلالماي قېلىشىدىن قورقىدۇ.

- مۇئمىن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىغا لايىق بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.

دېمەك، مۇئمىن ئادەم ھوشيار ياشايدۇ، غەپلەتتە قالمايدۇ، ھەمىشە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدۇ، گۇناھكارلار قاتارىدىن بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيە ماختىلىدىغان قورقۇش سېنى ھارام ئىشلاردىن توسقان قورقۇشتۇر دېگەن ئىكەن. ئىبراھىم شىيان: ئەگەر قورقۇش سېنىڭ قەلبىڭدە ئورۇن ئالسا، ئۇ شەھۋەتنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ ۋە سېنىڭ دۇنيالىققا بولغان قىزغىنلىقىڭنى سوغۇتىدۇ دېگەن ئىكەن. يەنە بىر ئالىم: قورقۇش دېگەن كۆز يېشى قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي قورقۇش ساڭا ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى تەرك ئېتىشىڭدۇر دېگەن ئىكەن.

ئۈمىد

ئۈمىد- ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇش دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:] كىمكى رەببىگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن، رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن[دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان ئادەم قورقۇش بىلەن ئۈمىد يەنى ئاللاھ تائالانىڭ دوزىخىدىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ جەننىتىنى ئۈمىد قىلىش ئوتتۇرىسىدا ياشايدۇ. قورقۇش بىلەن ئۈمىد ئىككىسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى لازىم. ناۋادا قورقۇش ئېشىپ كېتىپ ئۈمىد ئاجىزلىشىپ قالسا، ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ۋە شەپقىتىگە ئىشەنمىگەنلەر قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا ئۈمىد ئېشىپ كېتىپ، قورقۇش ئاجىزلىشىپ قالسا، يەنە گۇناھكار بولىدۇ. چۇنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمەل قىلماي تەمە قىلغان بولۇپ قالىدۇ. ۋە ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىنى كۆزگە ئىلمىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئىنسان قورقۇش بىلەن ئۈمىدتىن ئىبارەت ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى سالىغان ھالدا ئىش كۆرۈشى لازىم. ئۆلىمالاردىن بىرى: ئۈمىدكىلا يۆلىنىۋالغان ئادەم ئەمەلدىن قۇرۇق قالىدۇ، قورقۇشقىلا يۆلىنىۋالغان ئادەم ئۈمىدسىزلىككە پاتىدۇ. شۇڭا ھەر ئىككىسىنى تۇتۇش لازىمدېگەن ئىكەن.