ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Aralık 2019

چىكىنىڭ
قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

قۇربان ھېيت تەبرىكنامىسى

 بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان مۇبارەك قۇربان ھېيتى يىتىپ كەلدى، بۇ مۇبارەك ھېيت بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ.

 ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز بۇ مۇبارەك ھېيتنى ئېغىر مۇسىبەت، زۇلۇم ئىچىدە كۈتۈۋالماقتا. مىليونلارچە بىگۇناھ خەلقىمىز ئاتالمىش (تەربىيىلەش مەركەزلىرى) نامى ئاستىدىكى پاشىست لاگىرلاردا بارلىق دىنى ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. ئاللاھتىن خەلقىمىزنىڭ تىز پۇرسەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمىز.

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنىڭ خەلقىمىز بېشىدىن كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا-تەلەپلەردە بولۇشقا، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا، قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق يوقسۇل ئائىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالماستىن، قۇربانلىق گۆشلىرىدىن ئۇلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىشقاچاقىرىمىز.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئىستانبۇل

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر