ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
قىز-خانىملارنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇشى توغرىسىدا

   1003- نومۇرلۇق سوئال

   سوئال:

   قىز-خانىملار ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئادا قىلامدۇ؟ ئەگەر ئۆيدە ئوقۇسا قانداق شەكىلدە ۋە قانچە رەكئەت ئوقۇيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيت نامىزى ئوقۇش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، بەزى ئالىملار پەرز كۇپايە دەپ قارىغان. خانىم-قىزلارنىڭ ئۆيدە ھېيت نامىزى ئوقۇشى لازىم ئەمەس.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ھېيت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن قىز-خانىملار ھېيت نامىزىنى جامائەت بىلەن نامازگاھلاردا ياكى چوڭ مەسچىتلەردە ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. 

    بەزى ئالىملار پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياش ئاياللارنىڭ چىرايلىق كىيىنىپ ھېيت نامىزىغا چىقىشىنى چەكلىگەن، ياشانغان ئاياللارغا رۇخسەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېيت نامىزىغا چىقىش ئىمكانىيتى بولمىغان ئاياللار ئۆيدە ھېيت نامىزى ئوقۇمايدۇ. ئەمما ھېيت نامىزىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشنى ئۈمىت قىلىپ ئۆيىدە ئوقۇشنى ئىختىيار قىلسا، چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزىمۇ نەپلە نامازلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغاندا، بامدات نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇيدۇ، ھەر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى نامازنىڭ تەكبىرلىرىدىن باشقا ئۈچ تەكبىرنى ئارتۇق ئېيتىدۇ.

    تەپسىلاتى: ھېيت نامىزى ئوقۇش قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بىلەن بىكىتىلگەن. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ﴾ تەرجىمسى: «پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.» [سۈرە كەۋسەر 2-ئايەت].    تەپسىرشۇناس ئالىملار يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان ناماز، قۇربان ھېيت نامىزى ۋە قۇربانلىق دەپ بايان قىلغان.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن روزا ھېيت نامىزى ئوقۇدۇم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېيت نامىزىنى خۇتبىدىن بۇرۇن ئوقۇيتتى،» دېگەن.

    يەنە ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت نامىزىنى ئەزەن-تەكبىرسىز ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنغان.

    ھېيت نامىزى ئوقۇشنى ھەنەپى مەزھەب ئۆلىمالىرى ۋاجىب دەپ قارايدۇ.

    مالىكى، شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى تەكىتلەنگەن سۈننەت دەپ قارايدۇ.

    ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرى ھېيت نامىزىنى جىنازا نامىزىغا ئوخشاش پەرز كۇپايە بەزىلەر ئوقۇسا باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

    ئاياللارنىڭ ھېيت نامىزىغا ھازىر بولۇش مەسىلىسىدە: ھەنەپى ۋە مالىكى مەزھەب ئۆلىمالىرى ياش ئاياللارنىڭ ھېيت نامىزى، جۈمە نامىزى ۋە ھەرقانداق نامازغا چېقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ياشانغان ئاياللارنىڭ ھېيت نامىزىغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان.

شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرى: ئاياللار چىرايلىق ياسانماستىن، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەستىن ھېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭمۇ ھېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: بىزلەرنى، بالاغەتكە يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان قىز-خانىملارنى ھېيت نامىزىغا ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىشىمىزنى بۇيرىدى. ھەيىزدار ئاياللارنىمۇ چىقىپ مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن يىراق تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەز- نەسىھەت ۋە دۇئالىرىغا ھازىر بولۇشقا بۇيرىۋىدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بەزىلىرىمىزنىڭ ئورۇنۇپ چىققۇدەك پەرەنجىلىرىمىز يوق؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەمشىرىسىنىڭ پەرەنجىسىنى ئارىيەت ئىلىپ كىيىپ چىقسۇن، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 890-ھەدىس].

    ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى ئايرىماستىن ھەممىسىنى ھەتتا ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىمۇ ھېيت نامىزىغا چېقىشقا تەۋسىيە قىلغان، كىيىنكى دەۋرىدە ئۆلىمالار پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياش ئاياللارنىڭ جامائەت نامىزىغا چىقىشىنى چەكلىگەن.

    ھەنەپى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ھېيت نامىزى مەككىدىن باشقا شەھەرلەردە شەھەر ئەتراپىدىكى كەڭرى مەيدان ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان جايلاردا ئادا قىلىنىدۇ. سەۋەپسىز مەسچىتتە ئوقۇلمايدۇ دەپ قارايدۇ. مەككىدە كەبىگە قاراپ ئۇلۇغ-مۇقەددەس بولغان ھەرەم مەسچىتىدە ئوقۇلىدۇ. (ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە سەۋەپسىز ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ).

    شاپىئى مەزھەب ئۆلىمالىرى ھېيت نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇش ياخشى، چۈنكى مەسچىت دېگەن ئەڭ پاكىزە-ئۇلۇغ جاي، ئەگەر شەھەر خەلقى مەسچىتكە سېغمىسا سۈننەت بويىچە شەھەر سىرتىغا چېقىپ مەيدانلاردا ئادا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.

    ھېيت نامىزىنى بامداتنىڭ ئىككى رەكەت پەرزىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئەمما بىرىنچى رەكەتتە نامازنى باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە قىرائەتتىن كېيىن رۇكۇدىن ئاۋۋال ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، تۆتىنچى تەكبىردە رۇكۇغا بارىدۇ. ھەر بىر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىگە يەنە بىر سۈرە قېتىپ ئوقۇيدۇ.

   ھېيت نامىزىنى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئۆلىمالارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ھەنەفى مەزھەب ئۆلىمالىرى ھېيت نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇيالمىغان كىشى ئايرىم ئوقۇمايدۇ، دېگەن. [دۇررىل مۇختار مەئە ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين 2-توم 175-بەت].

   خۇلاسە: كۈچلۈك قاراشتا ھېيت نامىزى، جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئەر-ئاياللاردىن ساقىت بولىدۇ. قىز-خانىملارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئايرىم ھېيت نامىزى ئوقۇشى لازىم ئەمەس.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتى