ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Nisan 2021

چىكىنىڭ
قاتىللىق جىنايىتى

 قاتىللىق جىنايىتى

 

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

قاتىللىق جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرى نۇقتىسىدىن زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئەگىشىپلا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەپتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ.»[1]

مەزكۇر ئايەت كەرىمىدە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئوخشىتىلدى. ئۇنداقتا بۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى زادى قەيەردە؟!

ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ:

1)  ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىشتا، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشتا، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراشتا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە لەنىتىگە ئۇچراشتا، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىشتا، ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا بولۇشتا بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچىلەر بىلەن بارلىق ئادەملەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەر بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.

 ئەمما ئازابلارنىڭ دەرىجىلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن ياكى ئادىل پېشۋالارنى ياكى كىشىلەرنى ئەدلى-ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان ئالىملارنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق ئادەتتىكى بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچىلەر بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ.

2)           بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچى بىلەن بارلىق ئادەملەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش نۇقتىسىدا بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.

3)        بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچى بىلەن بارلىق ئادەملەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەر ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلىش نۇقتىسىدا بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. بىراۋ سەۋەبسىزلا، بەلكى مېلىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولسا، شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈچى يەتكەنلىكى كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بۇ قاتىل پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىدۇر.

يەنە كېلىپ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگۈچىمۇ قاتىل، پاسىق، زالىم، ئاسىي دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدەك بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرگۈچىلەرمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ. دېمەك، بۇلار ئاتاق نۇقتىسىدىن بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا بارلىق مۇئمىنلەرنى دوستانىلىق، مېھىر-شەپىقەت ۋە ئۈنسى-ئۈلپەتتە بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، باشقا ئەزالار قىزىپ، ئۇيقۇسىزلىنىپ، بىئارام بولىدىغان بىر تەنگە ئوخشاش بولۇشنى تەكتلىدى. قاچانىكى قاتىل مۇئمىنلەردىن ئىبارەت مۇشۇ تەننىڭ بىر ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، گوياكى ئۇ بارلىق مۇئمىنلەرنى ئۆلتۈرگەنگە ۋە ئۇلارنى دەرت-ئەلەمگە قويغانغا باراۋەر بولىدۇ. كىمكى بىر مۇئمىنغا ئەزىيەت يەتكۈزسە، ئۇ پۈتۈن مۇئمىنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگەن ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن مۇئمىنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش پۈتۈن ئىنسانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىك دەپ قارىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى ئۆزى قوغدايدۇ. دېمەك، بەندىلەرگە ئازار يەتكۈزۈش ئاللاھقا ئازار يەتكۈزگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ««قانداق بىر ئادەم ناھەق ئۆلتۈرۈلسە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى ئادەم ئۆلتۈرگەن ئوغلىغا بىر كىشىلىك گۇناھ يۈكلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى تۇنجى بولۇپ باشلاپ بەرگەن.»[2]

تۇنجى مۇشرىك بولغان كىشى بۇنداق تەھدىتلەرگە تۇنجى ئادەم ئۆلتۈرگۈچىدىن لايىقراق بولغان تەقدىردىمۇ مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇش تۇنجى زىنا قىلغان، تۇنجى ئوغرىلىق قىلغان، تۇنجى ھاراق ئىچكەن، تۇنجى مۇشرىك بولغان كىشىلەرگە قارىتىلماستىن بەلكى تۇنجى قاتىللىق قىلغان كىشىگە قارىتىلدى. مانا بۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ نەقەدەر يامان ئىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش نىسبىتىنىڭ قانچىلىك زورلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «قىيامەت كۈنى، ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىن بويۇن تومۇرلىرىدىن قان ئاققان، قاتىلغا ئېسىلىۋالغان ھالەتتە كېلىپ: ئى رەببىم! بۇنىڭدىن سوراپ باققىن، بۇ مېنى نېمە سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈپتۇ؟ ـ دەيدۇ.»[3]

ساھابىلەر ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئۇلارنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمامدۇ؟ دەپ سورىۋېدى. ئۇ، «قۇرئان كەرىم»دىكى «كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ[4] دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بەردى ۋە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئايەت مەنسۇخ قىلىنمىغان تۇرسا، قەيەردىمۇ قاتىلغا تەۋبە بولسۇن؟!»[5]

بۇ ھەقتە مۇنداق بىر رىۋايەت بار: «بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما كەئبىگە قاراپ تۇرۇپ: سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ، سېنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىڭ نېمىدېگەن ئۇلۇغ-ھە! دېدى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلاپلا: مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ نەزرىدە سەندىنمۇ ئۇلۇغ، دېدى.»[6]

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىنساننىڭ ئەڭ ئاۋۋال بۇزۇلىدىغان ئەزاسى قورساقتۇر. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى پاك نەرسىنىلا يىيىشكە قادىر بولالىسا، پاك نەرسە يىسۇن. كىمكى ئۆزى بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىغا قولىنى بويىغان قانلىرى بىلەن توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويماسلىقنى كۆزلىسە، شۇنداق قىلسۇن.»[7]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇئمىن ئادەم ھارام قان تۆكمىگەنلا بولسا، دىنىي ئىشلىرىدا ھەمىشە كەڭچىلىك ئىچىدە بولىدۇ.»[8]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر ئادەم قىلىپ قالسا قەتئىي چىقىش يولى تاپالمايدىغان ئەڭ قېيىن ئىش ھارام قان تۆكۈشتۇر.»[9]

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇنى ئۆلتۈرۈش كاپىرلىقتۇر.»[10]

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەندىن كېيىن بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇش تۈپەيلى كاپىر بولۇپ كەتمەڭلار.»[11]

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى مۇئاھىد كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ. جەزمەنكى جەننەتنىڭ پۇرىقى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇراق تۇرىدۇ.»[12]

مانا بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ كىپىللىكىدە بولغان كاپىرنى ئۆلتۈرگەنلىكنىڭ جازاسىدۇر. ئۇنداقتا مۇئمىننى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ جازاسى قانداق بولار-ھە؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مۈشۈكنى ئاچ، ئۇسسۇز ھالەتتە سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئايالنىڭ دوزاختا ھېلىقى مۈشۈك تەرىپىدىن يۈزلىرى ۋە مەيدىلىرى تاتىلىنىپ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تۇرسا، ئۇنداقتا بىر مۇئمىننى ھېچقانداق گۇناھسىزلا سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەرنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھنىڭ نەزرىدە دۇنيانىڭ گۇمران بولۇشى بىر مۇئمىننىڭ سەۋەبسىزلا ئۆلتۈرۈلىشىدىن يەڭگىلراقتۇر.»

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

 



[1] سۈرە مائىدە 32-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

[2] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[3] نەسەئىي رىۋايىتى

[4] سۈرە نىسا 93-ئايەت

[5] تىرمىزى رىۋايىتى

[6] تىرمىزى رىۋايىتى

[7] بۇخارى رىۋايىتى

[8] بۇخارى رىۋايىتى

[9] بۇخارى رىۋايىتى

[10] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[11] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[12] بۇخارى رىۋايىتى

[13] ئىبنى ماجە رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر