ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك دىسنىينىڭ «مۇلان» فىلمىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 

فرانسىيىدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر دىسنى شىركىتى ئىشلىگەن «مۇلان» فىلمىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغان شەرقىي تۈركىستاندا سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ فىلمنىڭ بايقۇت قىلىنىشى ۋە فرانسىيىدە كۆرسىتىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئېكولوگىيە، دېموكراتىيە ۋە ئىتتىپاقلىق پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ بىرى بولغان ئارېلىئېن تاچى(Aurelien Tache)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقئارا تەشۋىقات تور بېكىتى «change.org» دا ئىلان قىلىنغان مۇراجىئەتنامىدە دىسنىينىڭ «مولان» فىلىمىنىڭ چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

«مۇلان» فىلىمنىڭ ئاخىرىدا دىسنىي شىركىتىنىڭ تۇرپان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان مۇراجىئەتنامىدا: «شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىققا مەسئۇل ئىكەنلىكى ئېنىق» دېيىلگەن.

مۇراجىئەتنامىدە بۇ فىلىمنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى قۇمتاغ چۆلىدە تارتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، «تۇرپان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىشخانىسى مىڭلىغان ئۇيغۇر قامالغان بۇ لاگېرلاردىن 15 ىنى باشقۇرىدۇ، لېكىن دىسنىي ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى» دېيىلگەن.

مۇراجىئەتنامىدە: «ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە شۇ ئېنىقكى، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى خىتاينىڭ غەربى-شىمالىدىكى بۇ ئاپتونوم رايوندا ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىپلىنىۋاتىدۇ. مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش، ئاممىۋى نەزەربەند، يوللاش، جازا لاگىرلىرىغا سولاش... مانا بۇلار 12مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىتى، تىلى ۋە دىنى تۈپەيلى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇمىتى. بېيجىڭ دەۋاتقان "كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرى" دىن ئىنتايىن يىراق بولغان بۇ لاگىرلار دەل بۇ خەلقنى كۆندۈرۈش، ئۆزگەرتىش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش لاگىرلىرىدىن ئىبارەت.» دېيىلگەن. 

پائالىيەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇلەننى بايقۇت قىلىش (#BoycottMulan) خەتكۈچى بىلەن باشلانغان ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مۇلان» فىلىمىنىڭ دىسنىينىڭ تور ئېقىمى سۇپىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى، ئېلانلىرىنىڭ بارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، فرانسىيىدە كۆرسىتىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنلتىقى

http://turkistantimes.com/uy/news-13582.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر