ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Haziran 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستاندا دەھشەتلىك زۇلۇم ۋە قۇرئان كەرىمنى يىغىۋېلىشتەك قىلمىشلار ھەققىدە بايانات

 شەرقىي تۈركىستاندا دەھشەتلىك زۇلۇم ۋە قۇرئان كەرىمنى يىغىۋېلىشتەك قىلمىشلار ھەققىدە بايانات

  شەرقى تۈركىستاندا خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، يۈزمىڭلارچە بىگۇناھ خەلقىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

يېقىندىن بىرى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە كەڭ تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن خىتاي ھاكىمىيتى خەلقىمىزنىڭ دىنىنى يوقىتىش يولىدا دىنىمىزنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم، ناماز ئوقۇيدىغان جايناماز، دىننىڭ بەلگىلىرى دەپ قارىلىدىغان ھەرقانداق زىننەت بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش دولقۇنى قوزغىغانلىقى، كورلا  ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تەل تۈكۈس يىغىۋېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.  مۇسۇلماننىڭ ئۆيىدە قۇرئان كەرىم، جايناماز ساقلاش ئىنساننىڭ ئەڭ ئاددى ھەققى بولۇپ، بۇ ھەقنىمۇ تارتىۋېلىش دۆلەت تېرورىزىمىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.

 بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي مەۋجۇدىيىتىگە قىلىۋاتقان خىرىسلىرى ۋە زوراۋانلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىمىز.

دۇنيا دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئۆلىملار بىرلىكى، دۇنيا ئىسلام ئىتتقپاقىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز دەيدىغان تەشكىلاتلارنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆزىنىڭ قانۇنىغا، ئىنسان ھەقلىرىگە زىت بولغان قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىش ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

 

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

 

ئىستانبۇل- تۈركىيە

 

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر