ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ 

    سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2017 – يىلى 19 – مارتتىن 21 – مارتقىچە مەككە مۇكەررىمىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.

    دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئىسلام دۇنياسى بىرلىكى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەككە مۇكەررەمىدە، ئىسلام فىقھى كومتېتى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرىئەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئېقىملار» تېمىلىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئاتاقلىق دىنى شەخسلەر ۋە ئىسلامىي تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكى ئىدارە ھەيئىتى «ئىسلام دۇنياسى بىرلىكى»نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرىلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيارنىڭ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشىنى رەسمىي قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە 2017-01-04-كۈنى ئىچىلغان «ئەرەپ باھارى بىلەن غەرپنىڭ پىلانى ئارىسىدىكى ئۈممەتنىڭ رېئاللىقى» ناملىق يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.

  مەككە مۇكەررىمىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرىئەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئېقىملار» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر