ھىجرىيە: | مىلادىي: 20 Nisan 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

ئىستانبۇل – تۈركىيە

2018-يىل

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى 2016 - يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلۇش يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە) چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلغان تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا يول كۆرسىتىش ۋە خەلقىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە باياناتلار ئېلان قىلىشتەك  خىزمەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  بىرلىكتۇر.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى:

1-شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، جۈملىدىن خەلقئارالىق ئىسلامى مەسىلىلەر ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ مەۋقەسىنى بايان قىلىش ۋە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش.

2-​شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش.

3-​شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش.

4-​شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ۋە زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش.

5-ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە تونۇشتۇرۇش.

6-​ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە زىت ئېقىملارغا ۋە خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش بېرىش.

7-​شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق - ھۇقۇقى،  دىنىي كىملىكىنى قوغداش.

8-​شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرىنىڭ خەلقئارادىكى مۇسۇلمان ئۆلىمالار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قېلىۋاتقان خىزمەتلىرى:

 ئۆلىمالار بىرلىكى تۈۋەندىكىدەك گۇرۇپلار بويىچە ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلماقتا.

1- پەتىۋا ۋە شەرئى مەسلەھەت گۇرۇپىسى:

 بۇ گۇرۇپ تۈركىيەنىڭ قەھرىمان ماراش شەھىرى سۈتچى ئىمام ئۈنىۋېرستىدە پىقھى بىلىملىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ باشچىلىقىدا 10 ئۆلىمادىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە ئەڭ ئاز بەش ئۆلىما ئولتۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ يۈزتۇرانە ياكى تېلىپۇن ئارقىلىق سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدۇ.

ئائىلە ماجراسى ياكى تۇرمۇشتا كېلىشىەلمەسلىككە ئۇچراپ ئىشخانىمىزغا مەسلەھەت سۇراپ كەلگەنلەرگە شەرئى مەسلەھەت بىرىش،  ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىنى ئىسلاھ قىلىش. تىجارەت، مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغان ياكى مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي قالغان تىجارەتتىكى شىرىكلەرگە شەرئى يول كۆرسۈتۈش ۋە ئىككى تەرەپنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق خەلقىمىز دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە ھەل قىلىشتەك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

2- دەۋەت گۇرۇپىسى:

دەۋەت گۇرۇپىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە تونۇلغان دەۋەتچى ئۇستاز ھەبىبۇللاھ كۆسەنىينىڭ باشچىقىلىدا 15 كە يېقىن ئۆلىمادىن تەشكىل قىلىنغان گۇرۇپ بولۇپ، بۇ گۇرۇپ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئىھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ سەپاكۆي رايۇنىدا ھەر 15 كۈندە بىر تەبلىغ سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا زەيتىنبۇرنۇ، سەپاكۆي ۋە سەلىم پاشا قاتارلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا يۈز تۇرانە ۋەز نەسىھەت ۋە تەبلىغ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، تىلوزۇر، پېسبوك، يۇتىيوب قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىنمۇ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە پايدىلىنىپ، تەبلىغ - تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

3- تەلىم تەربىيە گۇرۇپىسى:

تەلىم – تەربىيە گۇرۇپىسى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپىتىم باشچىلىقىدىكى 10 دىن ئارتۇق ئۆلىمالاردىن تەشكىل قىلىنغان  بىر گۇرۇپ بولۇپ، بۇ گۇرۇپ ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان شەرئى بىلىملەر بويىچە يېتىشتۈرۈش مەدرىسىسىدە ئىلاھىيەت پاكولتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا شەرئى پەنلەردىن دەرس بېرىش، تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسلىرى ۋە مەدرىسىلەرگە ئوقۇشلۇق پروگراممىسى تەييارلاش، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىنمۇ يېتىلىشىگە ھەسسە قۇشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

4- تەتقىقات گۇرۇپىسى:

تەتقىقات گۇرۇپىسى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم باشچىلىقىدىكى 20 گە يېقىن  كىشىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر گۇرۇپ بولۇپ، بۇ گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن دىنى ۋە مىللى تەلىم-تەربىيە پروگراممىسى تەييارلاپ خەلىققە سۇنۇش ۋە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان يىڭى مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

5- مېديا ۋە تەشۋىقات گۇرۇپىسى:

بۇ گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە قاراشلىق (http://olimalar.org) http//www.olimalartv.com ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنڭ facebook ئادرىسى قاتارلىق ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىنىي، ئىلىمىي ۋە سىياسىي تەشۋىقات ساھاسىدە ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

6- بايانات گۇرۇپىسى:

ئۇستاز سىراجىددىن ھاجىم  باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنىچىلارغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق  زۇلۇمنى ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئاراغا يەتكۈزۈش. بەزىبىر ئىنچىكە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەۋقەسىنى بايان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلماقتا.

7- شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىشخانىسىدا بولىۋاتقان خىزمەتلەر:

 ئىستانبۇلنىڭ سەپاكۆي رايۇنىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەركىزىدە، بىرلىكنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەزالىرى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇچىرىشىپ ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇھىم دەپ قارالغان ياكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردە بەس مۇنازىرە ۋە خۇلاسە يېغىنى ئېلىپ بېرىش، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۈنىۋىرىستېتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغىچىلارنى ئالاھىدە تەربىيەلەش مەقسىتىدە تاللانغان 35-40 نەپەر ئەتىراپىدا ئوقۇغۇچىغا ئايدا بىر قېتىم ئالاھىدە ئۇستاز چاقىرىتىپ مەخسۇس دەرس ۋە لىكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر ھەپتنىڭ شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە قىز ئوقۇغۇچىغا ھەدىستىن دەرس بېرىش، ھەر پەيشەنبە كۈنى خەلقىمىزنىڭ سۇئاللىرغا يۈز تۇرانە جاۋپ بېرىش ۋە شەرئى مەسلەھەت بىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

بىز كىم