ھىجرىيە: | مىلادىي: 20 Ağustos 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت، ئۇستاز دوكتۇر مۇستاپا قاراتاشنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت، ئۇستاز دوكتۇر مۇستاپا قاراتاشنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، تەپتىش ھەيئىتى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۇستاز نىزامىدىن تەمكىنىي ۋە ئۇستاز ئابدۇخېلىل ھاجىم  ئابىد قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى ئىلاھىيەت پاكۇلىتىتى ھەدىس ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىلىم خىزمەت تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى پروڧېسسور دوكتۇر مۇستاپا قاراتاشنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن،  شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

 

 

 

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر