ھىجرىيە: | مىلادىي: 15 Kasım 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ئۆلىمالار بىرلىكىنى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنى خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغاندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇم ۋە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئاڭلاتتى. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەيئەتنىڭ ناماز شامدىن كىيىن جامائەتكە تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى فىنلاندىيە ۋەكىلى دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارىم شام نامىزىدىن كىيىن جامائەتكە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، جامائەتتىن ئۇيغۇر موسۇلمانلىرىنى دۇئالىرىدا ئۇنتۇماسلىقى توغرىسىدا تەۋسىيەلەردە بولۇش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر