ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Aralık 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

 شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى .

2018-يىلى 09 -ئاينىڭ 11-كۈنى، دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار  باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار  بىرلىكى ھەيئىتى گېرمانىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى . زىيارەت جەريانىدا تەشۋىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش ئەپەندىم تەشۋىقات مەركىزى قۇرۇلغان 1996-يىلدىن بۇيان تاكى بۈگۇنگە قەدەر  قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى خىزمەتلىرى قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. كېيىن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار  ئۆلىمالار بىرلىكىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىرلىك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان قىسقا سۆھبەت ئاخىرىدا ئابدۇلجېلىل قاراقاش ئەپەندىم شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىگە ۋە بىرلىك قۇرۇلغان قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتتى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر