ھىجرىيە: | مىلادىي: 18 Ekim 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

ھازىر ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، 2018-يىلى9-ئاينىڭ 10-كۈنى، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار "شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نېمە ئۈچۈن تەسىس قىلىندى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچى، نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى ۋە ھازىرقى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى. دوكتۇر شاھيار سۆزىدە يەنە: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن زىددىيىتىنىڭ يوقلىقى ۋە شۇنداقلا ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭمۇ باشقۇرۇشىدا ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇستەقىل بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى تەكىتلەپ ئۆتتى. شاھيار سۆزىدە يەنە ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇش ۋە بۇلارغا قارىتا دىنى خىزمەتنى قانداق ۋە قايسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن  كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ پەتىۋا-شەرئى مەسلىھەت بۆلۈمىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە خىزمەت مېتودىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇچرىشىش گوللاندىيە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئەزاسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇراخمان قاراجىمنى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ گوللاندىيە ۋەكىلى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر