ھىجرىيە: | مىلادىي: 17 Eylül 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى مىيۇنخىندا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىيۇنخىندا ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالائۇددىن ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەرجان ئېمىن قاتارلىق مەسئۇللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مېيۇنخىندىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئۇچراشتى.

 ئۈچ سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ ھەيئەتنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتىدىكى مەقسىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى  ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. دوكتۇر شاھيار سۆزىدە: مىللەت دۈچ كېلىۋاتقان كېرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئىتتىپاقلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ۋە دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا جامائەتنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي سوئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاپ بەردى. سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان جامائەت ئۆلىمالارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۆلىمالارنىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا دىنى تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ بەزى تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر