ھىجرىيە: | مىلادىي: 16 Aralık 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن ئۈچراشتى .

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى  بىلەن   ئۈچراشتى .

ياۋرۇپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋىتسارىيەنىڭ  جەنۋە شەھرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جەنۋە شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈچراشتى. بىر يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان شەرقىي ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى تونۇشتۇرۇش بىلە بىرگە بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت پىلانى ھەققىدىمۇ  قىسقىچە توختالدى. ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنە، ئىككى تەشكىلات رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى، خەلقىمىز دۈچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەتتە ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدە  مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر