ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Mayıs 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاپا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاپا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى. 

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 08 - كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت دېنىزلى ئىسلام ئېنىستۇتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە غايە ۋەخپىنىڭ رەئىسى، تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاپا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى. 

زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى. 

پروفېسسور دوكتۇر مۇستاپا جەۋات ئاقشىت شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

زىيارەت ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى دېنىزلى ئىسلام ئېنىستۇتىغا قوبۇل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر