ھىجرىيە: | مىلادىي: 18 Şubat 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدىن ئۆچكەن يۇلتۇز

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، ھازىرقى مەۋجۇد دەۋىردىكى دىنى ۋە سىياسى يىتەكچىسى، مەرىپەتپەرۋەر دىنى پىشىۋا ئۇستازى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ  جىنازا نامىزى 23-دىكابىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كىيىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ جامىسىدە ئوقۇلدى. ئۇستازنىڭ نامىزىنى ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئوقۇدى.

 جىنازا نامىزىغا ئۇستازنىڭ  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىمكانىيتى يار بەرگەن شاگىرتلىرى، سەپداشلىرى ۋە تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ مۇسىبىتى ئۈچۈن ئىزتىراپ چەككەن تۈركىلەردىن بولۇپ ئىككى مىڭدەك كىشى بۇ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى. ناماز ئوقۇلۇش ۋە ئاخىرلىشىش جەريانلىرىدا يېغىۋاتقان يامغۇر بۇ يەرگە توپلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇستازغا بولغان ھۆرمەتنى ۋە يۈرىكىدىكى مۇھەببەتنى توسۇپ قالالمدى.

ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلكى رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىقلار ئۇستاز ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتتى ھەمدە پىروفىسسور جەلال ئەرباينىڭ ئۇستاز ھەققىدىكى تەسىرلىك دۇئاسىدىن كىيىن ئىرىگەن قەلبلەر، ياشلانغان كۆزلەر، غەمكىن ۋە مۇسىبەتلىك ۋوجۇدلار يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن ئۇستازنىڭ جىنازىسىنى قولمۇ-قول كۆتۈرۈپ تەكبىر سادالىرى ئىچىدە بىر كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرگىچە ئېلىپ كىلىشتى. مەرھۇم ئۇستازنىڭ بۇ مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز سۆيگۈ ۋە يۈرەكلىرىدە قېرىنداشلىق ئاساسىدا بىخلىنىۋاتقان بىرلىك ئىتتىپاقلىقنىڭ يېڭى بىر كۆرىنىشىنى ئىپادىلەپ بەردى.

ئۇستاز يەرلىكىگە قويۇلدى، قەلبلەردىكى غەمكىنلىك، مىسكىنلىك ۋە نادامەت پىغانلىرى  ھەر بىر دەرتلىك يۈرەكلەرنى قايتىدىن ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.

ئۇستاز ئالەمدىن كەتتى، كەلمەسكە كەتتى، شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىنىڭ بىر نۇرلۇق يۇلتۇزى ئۆچتى. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن، بىزلەرنى ئۇستازنىڭ ئىزدىن دادىل قەدەملەر بىلەن ماڭىدىغان ۋارىسلاردىن قىلسۇن، ئۆمرى يار بەرمىگەن ئۇلۇقۋار نىشانلىرىنى بىزنىڭ قوللىرىمىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرسۇن

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم 1963- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھيىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يۇرتى قاغىلىقتا پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ دەۋىرلەردە شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان مەشھۇر دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمدا ئوقۇغان، شۇ جەرياندا ۋەتەن ئىچىدە دىنى دەئۋەت ۋە ھەرخىل سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، نەتىجىدە قانخور تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن1992- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى  تۇتقۇن قىلىنىپ 5   يىل كىسىلگەن، ۋەتەندىكى ئوت يۈرەك دىن سۆيەر بايلارنىڭ توختىماي يول مېڭىشى نەتىجىسىدە1996- يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن، ھەمدە مىسىردىكى داڭلىق ئىسلام يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان ئەزھەر ئونۋېرىسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقىغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن تۈركىيەگە كىلىپ يەرلەشكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيتىنى قۇرۇپ چىقىپ شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلرى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر