ھىجرىيە: | مىلادىي: 17 Eylül 2019

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت پىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ تۈنجى بېكىتى بولغان فىنلاندىيەگە يىتىپ كەلدى. بىر كۈن داۋام قىلغان فىنلاندىيە زىيارىتى جەريانىدا  پىنلاندىيەنىڭ ھىلسىنكى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇچراشتى. ئۈچرىشىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كىيىن، دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ۋەتەن ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، مىللى ۋە دىنىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن دىنى تەلىم-تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا ئانا تىلغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئۇيغۇر جامائىتىگە سۆز قىلدى. ئۇچرىشىش ئاخىرىدا سورۇنغا ھازىر بولغان جامائەتنىڭ دىنى ۋە ئىجتىمائىي سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر