ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق باش مەسلىھەتچىسى دوكتۇر ئۆمەر پارۇق قورقمازنى زىيارەت قىلدى.

 شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق باش مەسلىھەتچىسى دوكتۇر ئۆمەر پارۇق قورقمازنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ۋە ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق باش مەسلىھەتچىسى، تۈركىيە  مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى ۋە داۋاملىق تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق ۋەخپى رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر پارۇق قورقمازنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى.

 زىيارەت جەريانىدا يەنە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەققىدە ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر