ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى  دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار  بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار جەمئىيىتى دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، تۈركىيە موسۇلمان ئالىملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى  دوكتۇر ئابدۇلۋاھھاب ئەكىنجىنى زىيارەت قىلدى. شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت جەريانىدا  شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى تونۇشتۇرۇش، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان قۇرئان كەرىم ۋە دىنى تۈس ئالغان بۇيۇملارنى يېغىۋېلىش قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىش جەريانىدا يەنە ئىككى جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش ۋە بۇنىڭدىن كىيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

 

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر