ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايۇنى مۇپتىلىكىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىستانبۇ كۈچۈك چەكمەجە رايۇنى مۇپتىلىكىنى زىيارەت قىلدى.

2017-يلى 10-ئاينىڭ 18- كۈنى شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار، باش كاتىپ ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇجات،  ئۇستاز نىزامىددىن تەمىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن ھېشداشلىق قېلىپ كېلىۋاتقان سۇلتان مۇرات پەتھىيە مەسچىتىنىڭ ئىمامى نەجىمددىن يالچىن قاتارلىق بىر ھەيئەت ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايۇنى مۇپتىسى مۇستاپا تەمەلنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا مۇپتى مۇستاپا تەمەل بىلەن تۇنۇشۇش بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار برلىكى تۇنۇشتۇرۇلدى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىلدى.

زىيارەت جەريانىدا يەنە، كۈچۈك چەكمەجە رايۇنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى، رايۇنىدا ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە مەسىلىسى، دىنى تەشۋىقات ۋە دەۋەت ساھاسىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرلدى.

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر