ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
شۋىتسىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان شىركەتلە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

شۋىتسىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان شىركەتلە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچ قانداق كىيىم-كېچەك كارخانىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ۋە رايوندىن پاختا سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنياۋىي ماركىلارنى خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىرىق قىلىش سادالىرى كۈچەيدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئىلان قىلغان «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ: قايتا تەربىيلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كۆزىتىش» ناملىق دوكلاتتا، ئاز دېگەندە 83 دۇنياۋى ماركىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلسىى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا، شۋىتسىيەنىڭ H&M شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىسى خۇافۇ يىپەك فابرىكىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن ماركىلارنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2017 ۋە 2019 يىللىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تۈرىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتايدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ئۈچۈن يۆتكەلگەن.  

H&M شىركىتى بىر باياناتىدا، ئەنخۇي ئۆلكىسىگە جايلاشقان بۇ زاۋۇت بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. لېكىن، جېجياڭ ئۆلكىسىگە جايلاشقان ۋە خۇافۇغا تەۋە بولغان شاڭيۈ زاۋۇتى بىلەن ۋاستىلىك مۇناسىۋىتىنى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 

شىركەت باياناتىدا، گەرچە شاڭيۈ شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ئېنىقلانغۇچە، كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە مەيلى قايسى ئۆلكىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خۇافۇ شىركىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

H&M شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىكا ئىسھاقسون بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىغا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىدىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېيتتى. باياناتچى ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندىن ھېچقانداق مال ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://turkistantimes.com/uy/news-13560.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر