ھىجرىيە: | مىلادىي: 26 Kasım 2020

چىكىنىڭ
زىنا-پاھىشە دۇنيانىڭ ئىسلاھاتىغا زىت كېلىدۇ

 زىنا-پاھىشە دۇنيانىڭ ئىسلاھاتىغا زىت كېلىدۇ

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

بىز يۇقىرىقى بابلاردا پاھىشىنىڭ ھاراملىقى ۋە ئەۋرەتنى ساقلاشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ دوزاخقا كىرىشىگە ئەڭ سەۋەبچى بولىدىغان نەرسە ئېغىز ۋە ئەۋرەتتۇر.»

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مۇسۇلمان ئادەم تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلىپ قالمىسىلا ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈشكە بولمايدۇ: توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن زىنا قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدىن ئايرىلىپ مۇرتەد بولۇش.» زىنا بۇ ھەدىستە خۇددى سۈرە فۇرقاندىكى ئايەتتىكىدەكلا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مۇرتەدلىك بىلەن بىر قاتاردا بايان قىلىندى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزكۇر ھەدىستە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان گۇناھنى ئاۋۋال، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغانلىرىنى ئۇنىڭدىن كېيىن بايان قىلىدۇ. دېمەك، زىنانىڭ يۈز بېرىشى قاتىللىقتىن كۆپرەكتۇر، قاتىللىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇرتەدلىكتىن كۆپرەكتۇر. يەنە شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېغىر گۇناھنى ئاۋۋال تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغانلىرىنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ بايان قىلىدۇ. زىنا دۇنيانىڭ ئىسلاھاتىغا زىت كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئايال كىشى زىنا قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئېرى ۋە يىقىن-يورۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېغىر نومۇسقا قويىدۇ. ئۇلار كىشىلەر ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرەلمەس بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا زىنا قىلغان ئايال ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ، بالىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا، بۇ يەردە زىنا ۋە قاتىللىقتىن ئىبارەت ئىككى جىنايەت يۈز بەرگەن بولىدۇ. ناۋادا ھارامدىن بولغان بالىنى ئېرىگە نىسبەت بەرگەن بولسا، ئېرىنىڭ ئائىلىسىگە بىر ياتۋاش جاننى قوشۇپ قويغان بولىدۇ. بۇ ياتۋاش ھېلىقى ئائىلىدىن مىراس ئالىدۇ ۋە ئۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدۇ، خىلۋەتتە قالىدۇ. ياتۋاش ئادەملەرنىڭ مەھرەم ھېسابلانمايدىغان كىشىلەر بىلەن خىلۋەت شەكىللەندۈرۈشى ھارامدۇر. زىنانىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى بار.

زىنا قىلغان ئەرمۇ نەسەبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئىپپەتلىك بىر ئايالنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ھالاكەتكە ۋە بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دىن ۋە دۇنيانىڭ خارابلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر. زىنانىڭ پەقەت قەبرىدىكى ۋە دوزاختىكى ئازابنى كۆپەيتىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. زىنادا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويلىرى دەپسەندە بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھەق-ھوقۇقلار ئاستىن-ئۈستۈن بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان زۇلۇملار يۈز بېرىدۇ.

زىنا نامراتچىلىقنى چىللايدۇ. ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. زىنا قىلغان ئادەمنىڭ كىشىلەر ئىچىدە يۈزى سۆرۈن بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ.

زىنا قەلبنى پارە قىلىدۇ، ئۆلتۈرۈپ قويمىغان تەقدىردىمۇ كېسەل قىلىدۇ. زىنا قىلغان ئادەمنى غەم-قايغۇ، قورقۇنچ بېسىۋالىدۇ. ئۇ پەرىشتىدىن يېراق، شەيتانغا يىقىن بولىدۇ. ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قالسىلا زىنادىنمۇ زورراق بۇزۇقچىلىق يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا زىناخورنى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قېيىن ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرگەن. ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئايالى ياكى مەھرەملىرىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئاڭلاشتىن، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاش يەڭگىلرەك تۇيۇلىدۇ.

سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ناۋادا مەن بىر ئەرنى ئايالىم بىلەن تۇتۇۋالىدىغان بولسام، قېلىچىمنىڭ بېىسى بىلەن ئۇرغان بولاتتىم، دېدى. بۇ گەپ رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە، ئۇ: «سىلەر سەئىدنىڭ كۈنداشلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ كۈنداشلىقىم سەئىدنىڭكىدىن كۈچلۈك، ئاللاھنىڭ كۈنداشلىقى مېنىڭدىن كۈچلۈك. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا پاھىشىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى ھارام قىلدى، دېگەن».

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ كۈنلەيدۇ، مۇئمىنمۇ كۈنلەيدۇ. ئاللاھ بىر بەندىنىڭ ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىغا كۈنداشلىق قىلىدۇ.»

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھتىن كۈنداشلىقى قاتتىقراق ئادەم يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پاھىشىلەرنى ھارام قىلغان. ئاللاھتىنمۇ بەكرەك تەۋبىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. ئاللاھتىنمۇ بەكرەك مەدھىيىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى يوق، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيىلىگەن.»

بۇخارى ۋە مۇسلىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈن تۇتۇلۇش توغرىسىدىكى خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى مۇھەممەد ئۇممىتى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنىڭ قۇلى ياكى دېدىكى زىنا قىلسا، ئاللاھتىنمۇ بەكرەك كۈنداشلىقى كېلىدىغان بىرى يوق. ئى مۇھەممەد ئۇممىتى ناۋادا سىلەر مەن بىلىدىغان نەرسىلەرنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار!» ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىنى كۆتۈرۈپ «ئى پەرۋەردىگارىم يەتكۈزدۈممۇ؟!» دېدى.

ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، مەزكۇر ھەدىستە كۈن تۇتۇلۇش نامىزىدىكى خۇتبىنىڭ داۋامىدا زىنانىڭ مەخسۇس تىلغا ئېلىنىشىدا ئاجايىپ سىرلار بار. زىنانىڭ يامرىشى ئالەمنىڭ خاراب بولۇشىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. زىنانىڭ يامرىشى قىيامەتنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا نەقىل قىلىنىشىچە، ئەنەس ئىبنى مالىك: مەن سىلەرگە مەندىن باشقا ھېچكىشى بايان قىلىپ بەرمىگەن بىر ھەدىسنى بايان قىلىپ بېرەيكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ يامراپ كېتىشى، ھاراقلارنىڭ كۆپ ئىچىلىشى، زىنانىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى، ئەرلەرنىڭ كېمىيىپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ شەرتلىرى قاتارىدىندۇر. (شۇ كۈنلەردە ھەتتا ئەللىك ئايال بىر ئەرگە قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ)

ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلاردىكى قانۇنىيىتى شۇنداق داۋاملىشىپ كەلدىكى، زىنا ئومۇملىشىپ كەتكەندە، ئاللاھ تائالا ئېغىر دەرىجىدە غەزەپلىنىدۇ-دە، يەر يۈزىگە جازا ئەۋەتىدۇ.

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر يۇرتتا زىنا-پاھىشە ۋە جازانە باش كۆتۈرۈپلا قالسا، ئاللاھ ئۇ يۇرتنىڭ ھالاكىتىگە پەرمان چۈشۈرىدۇ.»

بەنى ئىسرائىللارنىڭ بىر ئالىمى بولۇپ، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلاتتى. ئالىم يىغىلغانلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى، ئۆتكەن كۈنلەر توغرىسدا ئۇلارغا قىسسە بايان قىلىپ بېرەتتى. ئۇ بىر كۈنى پەرزەنتىلىرىدىن بىرىنىڭ ئاياللارغا كۆز قىسىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە: ئالدىرىمىغىن ئوغلۇم، ئالدىرىمىغىن، دەپلا قويدى. ئاندىن ئۇ ئادەم كارىۋاتتىن يىقىلىپ كېتىپ يۇلۇنى ئۈزۈلۈپ كەتتى. خوتۇنىنىڭ ھامىلىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى، پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتتى. ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھى قىلدى: «پالانى ئالىمغا ئېيتىپ قويغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن ئاران شۇنچىلىك غەزەبلەندىمۇ؟! مەن ئۇنىڭ نەسلىدىن مەڭگۈ ياخشى ئادەم چىقارمايمەن.»

ئاللاھ تائالا زىنانىڭ جازاسىنى باشقا جازالارغا ئوخشىمايدىغان ئۈچ تۈرلۈك خاسلىققا ئىگە قىلدى:

1)      توي قىلىپ بولغان زىناخورلار ئەڭ ئېچىنىشلىك ھالەتتە تاشبوران قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. توي قىلمىغان زىناخورلارغا قامچىلاش جازاسى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن سۈرگۈنلۈك جازاسى بېرىلىدۇ.

2)      ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى زىناخورلارغا ئېچ ئاغرىتىپ قامچىلاش جازاسىدىن ساقلاپ قېلىشتىن چەكلىدى. ئاللاھ تائالا ئۆزى چەكسىز مېھرىبان تۇرۇقلۇق زىناخورلارغا جازالارنى بەلگىلىدى. ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمىغان يەردە، بەندىلەرنىڭ مېھرىبانلىقى ئاللاھنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلىشتىن توسۇپ قويسا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا جازا بۇيرۇغان كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتماسلىق گەرچە ئومۇمىي ھۆكۈم بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا زىناخورلارغا ئىچ ئاغرىتماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، كىشىلەر ئوغرى، تۆھمەتخور، ھاراقكەشلەرگە ئىچ ئاغرىتمىغىنى بىلەن زىنا قىلغانلار جازالانماقچى بولغاندا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ. ھازىرقى ئەمەلىي رېئاللىقمۇ دەل شۇنداق. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا زىناخورلارغا ئىچ ئاغرىتىشتىن ۋە شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ پەرمانىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا توسالغۇ بولۇشتىن چەكلىدى.

كىشىلەر زىناخورلارغا نېمە ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىدۇ؟!

شۈبھىسىزكى، زىنا يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر، ئوتتۇراھال تەبىقىدىكلەر ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكلەر... قاتارلىق ھەر قايسى تەبىقىدىكىلەردىن سادىر بولۇپ قالىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ناھايىتى كۈچلۈك بىر جىنسىي ئىستەك بار. شۇ ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە زىناغا چۈشۈپ قالىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. زىنانىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبچىسى ئاشىقلىق. ئىنسانلاردا ئاشىقلارغا ئىچ ئاغرىتىش خاراكتېرى بار. كۆپىنچە ئادەملەر ئاشىقلارغا قىلىنغان ياردەمنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىق، ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارايدۇ. ناۋادا ئاشىقلار چەكلەنگەن بىر ئىشلارنى قىلىپ قويسىمۇ، بۇنى كۆپىنچە كىشىلەر ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدۇ. بەلكى ھايۋانغا ئوخشاش بىر قىسىم ئادەملەر بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىۋېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئەقلى چولتا ئاياللار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ نۇرغۇن قىسسىلىرى بار.

زىنا كۆپىنچە ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئۇنىڭدا نە زورلاش ۋە ئادەمنى يىرگۈندۈرىدىغان باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلار يۈز بەرمەيدۇ. ئىنساندا ناھايىتى كۈچلۈك بىر شەھۋەت بار. زىناخورغا جازا ئىجرا قىلىنماقچى بولغاندا كىشىلەردىكى كۈچلۈك شەھۋەت كۆز ئالدىلىرىغا كېلىشكە باشلايدۇ-دە، زىناخورغا ئىچ ئاغرىتقىلى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچ ئاغىرىتىشى ئاللاھنىڭ پەرمانىنىڭ ئىجرا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. مانا بۇ خىل روھىي كەيپىياتلار ئىماندىكى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. كامىل ئىمان ئىنسانغا كۈچ بېغىشلايدۇ، شۇ كۈچ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەرمانىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ ۋە مېھرىبانلىق تۇيغۇسىمۇ شۇ ئىمانىي كۈچتىن ھاسىل بولىدۇ. ئىماندىن ھاسىل بولغان كۈچ ۋە مېھىر-شەپىقەت تۇيغۇسى جازالانغۇچىغا ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ تۇيغۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەرمانى ۋە رەھمىتىگە ئۇيغۇن بولغان بولىدۇ.

3)      ئاللاھ تائالا زىناخورلارغا خىلۋەت ئورۇنلاردا ئەمەس، بەلكى مۇئمىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا جازا ئىجرا قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ خىل جازا ئىجرا قىلىشنىڭ مۇشۇنداق جىنايەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار.

توي قىلىپ بولغان زىناخورلار تاشبوران قىلىنىدۇ. بۇ جازا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە بېرىلگەن جازادىن قالغان. چۈنكى زىنا ۋە بەچچىۋازلىق ئوخشاشلا ناھايتى زور ئىجتىمائىي بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ يارىتىش ۋە ئەمىر قىلىش ھېكمەتلىرىگە زېت كېلىدۇ. بەچچىۋازلىقنىڭ زىيانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بەچچىلەرنىڭ شۇنداق يىرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشىراق. بەچچىلەرنىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشىدىن زادىلا ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قولىدىن ھېچقانداق ياخشىلىق كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدا نە ھايا، نە نومۇس تۇيغۇلىرى ئۆلگەن بولىدۇ. بەچچىۋازلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئادەم نە ئاللاھتىن، نە ئىنساندىن ھايا قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بەچچىۋازلارنىڭ ئىچىگە تۆكۈلگەن ئىسپىرما پۈتۈن بەدىنىنى زەھەرلەيدۇ.

ئۆلىمالار «بەچچىلەر جەننەتكە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە مۇنداق ئىككى خىل قاراشتا بولدى.

«بەچچىلەر جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن قاراشتىكىلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن دەلىل كەلتۈرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھارامدىن تۆرەلگەن بالا جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن. ھارامدىن تۆرەلگەن بالىدا گۇناھ يوق. لېكىن ئۇنىڭدىن بارلىق رەزىللىك ۋە پەسكەشلىكلەر سادىر بولۇشى ئېھتىماللىقى بار. چۈنكى ئۇ نىجىس ئىسپىرمىدىن يارىتىلغان. ھارام يەپ چوڭغان ئادەم دوزاخقا مەھكۇم بولىدىغان تۇرسا، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھارامدىن تۆرەلگەن ئادەم قانداقسىگە دوزاخقا كىرمىسۇن؟!

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بەچچىلىك ھارامدىن تۆرەلگەندىنمۇ قەبىھ ۋە رەزىل ئىشتۇر. بەچچىلىك داپ يۈزلۈكتۇر. ئۇلار ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. بەچچىلەر بىرەر ياخشىلىق قىلغان تەقدىردە ئاللاھ ئۇلارنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ياخشىلىقىنى كۆيدرۈۋتىدىغان بىر ئىشقا مۇپتىلا قىلىدۇ. كۆپىنچە بەچچىلەر چوڭ بولغانسېرى تېخىمۇ رەزىللىشىپ كېتىدۇ. بۇلار مەنپەئەتلىك ئىلىمگە ئىرىشەلمەيدۇ. ياخشى ئەمەلگە مۇۋەپپەق بولالمايدۇ. سەمىمىي تەۋبىمۇ قىلالمايدۇ.

بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراشى شۇكى، ناۋادا يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، شۇ ئىللەتلەردىن قول ئۈزگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلغان بولسا؛ تۇرغانسېرى ياخشىلىنىش تەرىپىگە قاراپ ماڭغان ۋە يامان ئىشلارنىڭ ئورنىغا كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسا؛ ئاللاھقا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇغان، كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىغان بولسا، شۇنداقلا ئاللاھقا سەمىمىيلىك ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسا... بۇ ئادەمنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ ۋە جەننەتكە كىرەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بارلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ. تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، سېھرىگەرلىك قىلىش، كۇپرىلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق گۇناھلاردىن پاكلانغىلى بولىدىغان تۇرسا؛ ئاللاھ تائالا يۈكسەك ئادالىتى ۋە ھېكمەتلىك مەرھەمىتى بىلەن «تەۋبە قىلغان ئادەم گۇناھ قىلمىغانغا باراۋەر» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن تۇرسا ۋە شېرىك، قاتىللىق، زىنا قاتارلىق جىنايەتلەرنى قىلىپ ھەقىقى تەۋبە قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن تۇرسا؛ بۇ كاپالەت ھەرقانداق گۇناھقا قىلىنغان بارلىق تەۋبىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇرسا... مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تەۋبە بەچچىۋازلارنىڭ گۇناھىنى ئۆچۈرەلمەسمۇ؟!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»[1]

مەزكۇر ئايەتتىكى «ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ» دېگەن جۈملە بارلىق گۇناھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما بەچچىلەرنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى بۇزۇلۇشى ئېغىرلاشقان بولسا، سەمىمىي تەۋبىگە، ياخشى ئەمەلگە، قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ ئورنىنى توشقۇزۇشقا، يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان بولسا... بۇ ئادەمنىڭ ئۆلەر ۋاقتىدا جەننەتكە كىرىشكە لايىق بىرەر ياخشى ئىشلارنى قىلالىشى بەك يىراق. ئۇنىڭ سەمىمىي تەۋبىگە مۇۋەپپەق بولالماسلىقى ئەسكىلىكلىرىنىڭ جازاسىدۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا بىر يامانلىقنى يەنە بىر يامانلىق ئارقىلىق جازالايدۇ. بىر ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە يەنە بىر ياخشىلىقنى نىسىپ قىلىش ئارقىلىق مۇكاپات بېرىدۇ. قاراب باقىدىغان بولساق سەكراتقا چۈشكەن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىرەر ياخشىلىققا مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ، ئۇلارنىڭ بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىدۇر.

ئابدۇراھمان ئىشبىيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شۇنى بىلىش لازىمكى، يامان ئۆلۈمدە كېتىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى دۇنياغا باشچىلاپ چۆكۈپ كېتىش، ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇپ قېلىش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يانمايدىغان بولۇپ كېتىشتۇر. بەزى ئادەملەرنى خاتالىقلار، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ۋە غەپلەتلەر بېسىۋالىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق گۇناھلاردىن ۋە خاتالىقلاردىن يانمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ-دە، گۇناھ-مەئسىيەت ۋە غەپلەتلەر بۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئەقلىنى كونترول قىلىۋالىدۇ، نۇرىنى خىرەلەشتۈرىدۇ، ئۇنى پەردىلەپ قويىدۇ. بۇنداق دەرىجىگە كېلىپ قالغان ئادەمگە نە ئىبرەت، نە نەسىھەت كار قىلمايدۇ.

ئىشبىيلى يەنە مۇنداق دەيدۇ: ناسىر شاھنىڭ بىر غالچىسى سەكراتقا چۈشكەندە ئۇنىڭ ئوغلى: ئى ئاتا «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگىن» دېگەن. ئۇ ئادەمنىڭ ئېغىزى شاھادەتكە كەلمەي «مېنىڭ خوجام ناسىر شاھ» دېگەنىكەن، ئوغلى كەلىمە شاھادەتنى تەكرار سۆزلىگەندە ھوشىدىن كېتىپتۇ ۋە ھوشىغا كېلىپلا يەنە «مېنىڭ خوجام ناسىر شاھ» دەپتۇ. ئۇنىڭغا كەلىمە شاھادەت سۆزلەنسىلا «مېنىڭ خوجام ناسىر شاھ» دەيدىكەن. ئاندىن كېيىن ئوغلىغا مۇنداق دەپتۇ: ئوغلۇم، ناسىر شاھ سېنى قېلىچىڭ ئارقىلىق تونۇيدۇ. ئۆلتۈر، ئۆلتۈر... دەپلا جان ئۈزۈپتۇ.

ئابدۇلھەق مۇنداق دەيدۇ: مەن تونۇيدىغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە، كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنىپتۇ. ئۇ: پالانى يەردىكى ھويلا-ئاراملارنى مۇنداق تۈزەشتۈرۈڭلار، پالانى يەردىكى باغنى مۇنداق ئىشلەڭلار، دەپتۇ...

ئابدۇلھەق يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ تاھىر سەلەپىي مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلدى: «بىر ئادەم سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنىپتۇ. ئۇ: ئون بىر دانىسى ئون سوم، دېگەن پېتى جان ئۈزۈپتۇ.»

سۇفيان سەۋرى بىر كېچە تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ چىقىپتۇ. تاڭ ئاتقاندا باشقىلار ئۇنىڭدىن: گۇناھىڭدىن قورقۇپ يىغلاپ چىقتىڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. سۇفيان سەۋرى يەردىن بىر تال ساماننى ئاپتۇ ۋە: گۇناھ دېگەن مانىڭچىلىك يوق، مەن پەقەت يامان ئۆلۈمدە كېتىپ قالارمەنمۇ؟ دەپ قورقۇپ يىغلىدىم، دەپتۇ.

سۇفيان سەۋرى گۇناھكارلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۆلەر ۋاقتىدا يامان ئۆلۈمدە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ياخشى ئۆلۈمدە ئۆلۈشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنگەنىكەن.

ئىمام ئەھمەد ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشۈپ، ھوشىدىن كېتىپ، قايتا ھوشىغا كەلگەندە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: «ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەقتىن بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگەندەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىگە قويۇۋېتىمىز.»[2]

سەلەپلەر گۇناھلارنىڭ ياخشى ئۆلۈمگە توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق قورقاتتى.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغان ئادەملەر يامان ئۆلۈمدە ئۆلمەيدۇ. ھازىرغىچىمۇ بۇنداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئەقىدىسى چاتاق ياكى چوڭ گۇناھلاردا چىڭ تۇرغان ئادەملەر تەۋبە قىلمايلا ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، شەيتان ئۇنى ئوۋلاپ كېتىدۇ. ئۆلۈمنىڭ دەھشىتى كەلگەندىمۇ شەيتان ئۇنى ئۆز ئېلكىگە ئېلىۋالىدۇ. (ئاللاھ ساقلىسۇن)

ئەلقىسسە، مىسىردا بىر ئادەم بولۇپ، مەسچىتتىن چىقماي ئىبادەت قىلاتتى ۋە نامازغا ئەزان توۋلايتتى. ئۇ تولىمۇ ئىبادەتگۇي، ئىتائەتمەن بىر كىشى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كۈندىكىدەكلا ئەزان توۋلاش ئۈچۈن مەسچىت مۇنارىغا چىقتى. مەسچىت مۇنارىنىڭ ئاستىغا توغرا كېلىدىغان يەردە بىر ناسارانىڭ ئۆيى بار ئىدى. ئۇ مۇناردا تۇرۇپ ناسارانىڭ ھويلىسىغا قارىدى-دە، ھويلىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزنى كۆردى ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى. ئۇ ئەزان توۋلىمايلا مۇناردىن يېنىپ چۈشتى ۋە ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا كىردى.

ـ نېمە دەپ كىردىڭ؟ دەپ سورىدى قىز.

ـ سېنى دەپ كىردىم.

ـ نېمىشقا؟

ـ ئەقلىمنى لال قىلدىڭ، يۈرىكىمنى پارە ئەيلىدىڭ.

ـ مەن بۇنداق گۇمانلىق ئىشقا قەدەم كەلتۈرەلمەيمەن...

ـ ماڭا ياتلىق بولامسەن؟

ـ سەن مۇسۇلمان، مەن ناسارا تۇرسام، دادام قوشۇلمايدۇ.

ـ ناسارا دىنىغا كىرسەمچۇ؟!

ـ ئەگەر ناسارا دىنىغا كىرەلىسەڭ، ياتلىق بولسام بولاي!

مەزىن قىز بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن ناسارا دىنىغا كىردى. ئۇ ھويلىدا تۇرغىنىدا ئۆگزىدە بىر ئىشى چىقىپ قالدى-دە، ئۆگزىگە چىقتى ۋە ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ شور پېشانە مەزىن ھەم قىزدىن ھەم ئىمانىدىن ئايرىلىپ قالدى.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە زۇمەر 53-ئايەت

[2] سۈرە ئەنئام 110-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر