ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Mayıs 2019

چىكىنىڭ
زاكاتنى ۋەتەن ئازات قىلىش تەشكىلاتلىرىغا بەرسە بولامدۇ؟

زاكاتنى ۋەتەن ئازات قىلىش تەشكىلاتلىرىغا بەرسە بولامدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

 يېقىندا «زاكات پۇلىنى ۋەتەن ئازات قىلىش تەشكىلاتلىرىغا بەرسە بولامدۇ؟» دېگەن سوئال «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»گە كەلگەن ئىدى. بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال زاكاتنى كىملەرگە، قانداق ئورۇنلارغا بېرىش كېرەك ئىكەنلىكى توغرۇلۇق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە، زاكات بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى ۋە ئورۇنلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاِبْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ﴾يەنى «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى (ئىسلامغا) مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، (قايتۇرالمايدىغان) قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (1).

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، زاكات ئالىدىغانلار تۆۋەندىكىلەردۇر:

1 _ پېقىرلار،

 2 _ مىسكىنلەر،

 3 _ كۆڭلىنى دىنغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار،

 4 _ قەرزدارلار،

 5 _ زاكات خادىملىرى،

 6 _ قۇللارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن،

 7 _ ئاللاھنىڭ يولىدىكى مۇجاھىدلار،

 8 _ يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلاردۇر.

پېقىرلار

 پېقىر _ زاكات بەرگۈدەك بىر نەرسىسى بولمىغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. پېقىرلار بايلارنىڭ ئەكسى بولۇپ «قۇرئان كەرىم»دە باي ۋە يوقسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەبىقە ھەمىشە بىرگە بايان قىلىنغان. مەسىلەن: )وَمَنْ كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ وَمَنْ كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ( يەنى «كىمكى باي ئىكەن(يېتىمنى باققانلىقى باھانىسى بىلەن)ئۇنىڭ مال _ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن» (2).

مىسكىنلەر

مىسكىن _ ھېچقانداق نەرسىسى يوق، ھەتتا يېتىپ قوپىدىغان ئۆي _ جايىمۇ بولمىغان ھاجەتمەن دېگەنلىكتۇر. مىسكىننىڭ ئەھۋالى پېقىرنىڭكىدىن ناچار بولىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق  ھاجەتمەن كىشىلەر )مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ(  يەنى «توپىدا ياتقان مىسكىن» (3) دەپ تەرىپلەنگەن.

زاكات خادىملىرى

زاكات خادىملىرى _ زاكات ئىشلىرىغا ۋەزىپىلەنگەن ئادەملەر بولۇپ، زاكات يىغقۇچىلار، پۈتۈكچىلەر، ساقلىغۇچىلار، تارقاتقۇچىلار ۋە بۇ ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچىلار قاتارلىقلادىن ئىبارەتتۇر. زاكات خادىملىرىنىڭ زاكات ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پېقىر ياكى مىسكىن بولۇشى شەرت ئەمەس. ئۇلار گەرچە  پېقىر بولمىسىمۇ، ھەتتا زاكات بېرەلەيدىغان شارائىتتا بولسىمۇ، زاكاتتىن نېسىۋە ئېلىشقا تېگىشلىكتۇر. چۈنكى زاكات خادىملىرى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئەمگىكىنى سىڭدۈرۈپ، بۇ ئىشقا ۋەزىپىلەنگەن ئىكەن، ئۇلا مائاش ياكى ئىش ھەققى ئالغاننىڭ ئورنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا يەتكىدەك مىقداردا زاكاتتىن نېسىۋە ئېلىشقا ھەقلىقتۇر.

كۆڭلىنى ئىسلامغا  مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار

  كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا دىللىرىنى يۇمشىتىش، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولۇشىنى ياكى مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ دىنغا مۇستەھكەم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زاكات ماللىرىدىن بىر ئۈلۈش بېرىلگەن شەخسلەردۇر.

قۇللارنىڭ ئازادلىقى

قۇل _ ئۆتمۈشتە بايلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۇتۇلىدىغان ئادەم دېمەكتۇر. ئايەتتىكى «قۇللار» دىن مەقسەت خوجايىنلىرىغا مۇئەييەن مىقداردا پۇل تۆلەش بەدىلىگە قۇللۇقتىن ئازادلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن توختام تۈزگەن قۇللاردۇر.

ھازىرقى زاماندا قۇل بولمىغانلىقتىن، زاكاتنىڭ بىر ئۈلۈشىنى كاپىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمان ئەسىرلىرىنى ئەسىرلىكتىن ئازاد قىلىش، كاپىرلارنىڭ تۈرمىلىرىگە قامىلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا بولىدۇ.

قەرزدارلار

قەرزدار _ ئۈستىدە باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق بولغان ئادەم دېمەكتۇر. ئەمما يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «قەرزدارلار»  دېگەن سۆز ئادەتتىكى ھەر قانداق بىر قەرزدارنى ئەمەس، بەلكى ئۈستىگە يۈكلەنگەن قەرزنى تۆلېشكە كۈچى يەتمىگەن، ئۇنى ئۈزۈش ئۈچۈن جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھنىڭ يولى

ئاللاھنىڭ يولى _ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان  جىھادتۇر. مۇجاھىدلارنىڭ جىھادقا يېتەرلىك تەييارلىقلارنى ھازىرلىشى، قورال _ ياراق، ئوق _ دورا سېتىۋېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا زاكات ماللىرىدىن بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا  ئىسلامدىكى ھەممە مەزھەپ  بىرلىككە كەلگەن.

زاكاتنىڭ «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئۈلۈشىگە كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش، مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش، دىننى چۈشەندۈرۈش ۋە بىلدۈرۈش يولىدا كىتاب، گېزىت، ژۇرنال، ئۈن _ سىن قاتارلىقلارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش، دىنىي مۇئەللىملەرنى تەمىنلەش قاتارلىق ئىشلارمۇ كىرىدۇ. يەنە بۇ تۈرگە مۇسۇلمانلاردىن ئىشسىز قالغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كېسەللەرنى داۋالىتىش، ئوقۇيالمىغان بالىلارنى ئوقۇتۇش، ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە مۇھىم بولغىنى دىنىي تەلىم _ تەربىيەنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئورۇنلارمۇ كىرىدۇ. يەنى يۇقىرىقىلارغا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغان ئورگان ياكى مۇئەسسەسە چىقمىغان شارائىتلاردا، زاكاتقا يىغىلغان پۇل _ ماللارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

مۇساپىرلار

مۇساپىر _ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئادەم دېمەكتۇر. ئەمما يۇقىرىقى ئايەتتە مەقسەت قىلىنغان مۇساپىر ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقىلارنىڭ يۇرتىدا پۇل _ مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ يۇرتىدا پۇل _ مېلىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئادەم گەرچە ئۆز ۋەتىنىدە باي بولسىمۇ، ئۇنىڭغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ.  

 ئەمدى، زاكات پۇلىنى ۋەتەن ئازات قىلىش تەشكىلاتلىرىغا بەرسە بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، ۋەتەننى ئازات قىلىش تەشكىلاتلىرى يۇقىرىقى ئايەتتە زاكات بېرىشكە تېگىشلىك  دەپ كۆرسىتىلگەن سەككىز تۈرنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمەيدۇ. شۇڭا، مەيلى ۋەتەننى ئازات قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات بولسۇن ياكى باشقا مەقسەتلەر بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلاتلار بولسۇن، زاكات پۇلىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بېرىلگەن تەقدىردىمۇ زاكات ئادا تاپمايدۇ. زاكاتتىن باشقا بارلىق ياردەملەرنى بېرىشكە بولىدۇ. مەلۇمكى، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىش، پۇل – مېلى بىلەن، بىلىمى بىلەن، كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇش ھەربىر پۇقرانىڭ ۋەزىپىسىدۇر. مۇنداق بىر ياردەم ئۈچۈن زاكاتقا قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

قانداق تەشكىلاتلارغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: تۆۋەندىكى ئىككى شەرتكە توشقان تەشكىلاتقا زاكات پۇلىنى بەرسە بولىدۇ.

1.      تەركىۋىدە مۇستەقىل دىنىي كومىتېت بولۇشى،

2.     مەزكۇر كومىتېت كەلگەن زاكات پۇلىنى زاكاتقا تېگىشلىك بولغان كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ كونترولىدا بولۇشىدۇر.

قانداقلا بىر تەشكىلات تەركىۋىدىكى دىنىي كومىتېت ئەگەر كەلگەن زاكات پۇلىنى تېگىشلىك كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىسە، شۇ ئىشنى قىلىدىغان كىشىلەر «قۇرئان كەرىم»دە زاكات ئېلىشقا تېگىشلىك سەككىز تۈرنىڭ ئىچىدىكى «زاكات خادىملىرى»نىڭ قاتارىغا كىرگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زاكات يىغىش ۋە تارقىتىش جەريانىدىكى ئەمگىكى ئۈچۈن، يىغىلغان زاكات پۇلىدىن ئېھتىياجىغا قاراپ ئالسا بولىدۇ. ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى ئالماي، خالىسانە ئىشلىسە ساۋاب بولىدۇ، ئەگەر ئالىمەن دېسە، ئېلىشى جائىزدۇر.