ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Mayıs 2019

چىكىنىڭ
زاكات توغرلىق كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار

زاكات توغرلىق كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار

مۇھەممەد يۈسۈپ

1- سوئال: زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكات بەرگەن ۋاقتىدا، ئۇنى ئالغۇچىغا » بۇ زاكات« دەپ ئېيتىشى شەرتمۇ؟

 جاۋاب: زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكاتنى بەرگەن ۋاقتىدا، ئۇنى ئالغۇچىغا » بۇ زاكات « دەپ بىلدۈرىشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلىدە زاكاتنى نىيەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ھەدىيە ياكى ياردەم نامى بىلەن ئاتاپ بەرسىمۇ زاكات ئادا تاپىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى زاكات بېرىشتە ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى نىيەت شەرت قىلىنىدۇ. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. قەلبتىكى نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ھاجەت يەق. شۇڭا زاكات ئالغۇچىلارنىڭ يۈزىنى قىزارتماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زاكاتنى باشقا ناملار بىلەن ئاتاپ بېرىشمۇ ياخشىدۇر

2- سۇئال: بىراۋنى پېقىر دەپ ئويلاپ زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات ئادا تاپامدۇ؟

 جاۋاب: ئەسلىدە زاكات بېرىشتە ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغانلارنى ئېنىقلاپ، تېپىپ شۇلارغىلا بېرىش ئارقىلىق زاكات پەرزىنى ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى مۇسۇلمانلارنى زاكات بېرىشكە بۇيرىغان ئايەتلەردە، » ۆىطوا الزكاە –زاكات بېرىڭلار«دېمەستىن، بەلكى،» ژتوا الزكاە – زاكاتنى ئادا قىلىڭلار«دېگەن ئىبارىنى قوللانغان. بۇنىڭ مەنىسى: زاكاتنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان شەخسلەرنى تېپىپ، شۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق بۇ پەرزنى جايىدا ئادا قىلىڭلار دېگەنلىكتۇر. بۇ نىڭغا بىنائەن، زاكاتنى قانداقلا بىرسىگە بېرىش بىلەن پەرز ئادا تاپمايدۇ. بەلكى زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارنى ئىزدەپ تېپىپ شۇلارغا بېرىش ئارقىلىقلا زاكات پەرزى ئادا تاپقان بولىدۇ. ئەمما زاكات بەرگۈچى بىراۋنى پېقىر دەپ تونۇپ زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرگەندىن كېيىن، زاكات ئالغۇچىنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكاتنى بەرگەن ۋاقتىدىكى ئۇنى پېقىر دەپ بىلگەن ئېتىقادى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ بەرگەن بۇ زاكىتى جائىزدۇر. بۇنداق زاكات ئادا تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا زاكات بەرگۈچىنىڭ قايتا زاكات بېرىشىگە ھاجەت يوق. بەلكى، زاكات بەرگۈچى ئۇنى بەرگەن ۋاقتىدا ئۆز گۇمانى بويىچە پېقىرغا بەرگەن بولدى. چۈنكى كىمنىڭ باي، كىمنىڭ پېقىر ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش ھەر ۋاقىت ئۇڭاي ئەمەس. ئەمما كىشىلەرنىڭ زاكات ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆزىدىن سوراش شەرت ئەمەس، بەلكى بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. ئۆزىدىن سورىماستىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە بولىدۇ. شۇنداق قىلىش ئەڭ ياخشى يولدۇر.

 3-سۇئال: قەرزنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولامدۇ؟

 جاۋاب: بىراۋنىڭ باشقا بىرسىدە قەرزىسى بولۇپ، قەرزدارنىڭ پېقىرلىقى سەۋەب بىلەن قەرزنى تۆلىيەلمىگەن بولسا، بۇ قەرزنى قەرز ئىگىسىنىڭ زاكاتقا ھېساب قىلىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى زاكاتنى ئادا قىلغۇچىنىڭ ئۇنى بەرگەن ۋاقىتتا زاكاتنى نىيەت قىلىشى شەرتتۇر. ھالبۇكى، قەرز بەرگۈچى قەرزنى بەرگەن ۋاقىتتا زاكاتنى نىيەت قىلغان ئەمەس، بەلكى قەرز نىيىتى بىلەن بەرگەن بولغانلىقتىن كېيىنچە ئۇنى زاكاتقا ھېسابلاشقا بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى شۇكى، زاكات بەرگۈچى زاكاتقا ئاتىغىنىنى قەرزدارغا بېرىپ زاكىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن قەرزىسىنى سورىسا ۋە ئالسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسۇل بىلەن قەرزدار پۇلغا ئىگە بولغان، ئاندىن ئىگە بولغان بۇ پۇلدىن ئۈستىدىكى قەرزىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

 4- سۇئال: قانداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ؟

 جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ نورمال ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نەرسىلەردىن زاكات بېرىشنى پەرز قىلمىدى. پەقەت نورمالدىكى ئېھتىياجنىڭ سىرتىدىكى پۇل- مالنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭغا بىنائەن، ئېيتىمىزكى، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر قوللىنىۋاتقان ماشىنىلىرىغا، ئۆزى ۋە بالىلىرى ئولتۇرىۋاتقان ئۆي- ئىمارەتلىرىگە، ئايالى، قىزلىرى، ۋە كېلىنلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقىمۇ قىممەتلىك ماددىلاردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىغا، ئۆي جىھازلىرىغا، ھۆنەر ئەسۋابلىرىغا، كىتاب- ماتېرىياللىرىغا ۋە مۇندىن باشقىمۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ئەشيالىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. يۇقىرىقىلار قانچىلىك قىممەت باھالىق ئەشيالار بولسۇن، ئىشلىتىۋاتقان ئىكەن ئۇلارغا زاكات كەلمەيدۇ.

 5- سۇئال: تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى ئۈچۈن بۇ ماللارنىڭ قىممىتىنى بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىمۇ؟

 جاۋاب: تىجارەت ماللىرىدىن زاكات بەرگۈچى ماللىرىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بېرىش ئىختىيارىغا ئىگىدۇر. مەسىلەن: ئۇن، ماي، گۈرۈچ، شىكەر، تۇز ۋە باشقىمۇ يېمەكلىك ماددىلىرىنى، كېيىم- كىچەك، رەخت- ماتېرىيال قاتارلىق بۇيۇملارنى ساتىدىغان كىشى پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇلارغا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى بۇلارنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارغا كېرەكلىك نەرسىلەردىن بېرىشتۇر.

 6- سۇئال: كىچىك بالىلارغا زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ھەر قانداق يېتىمگە زاكات بېرىش جائىز بولغاندەك، ئاتىسى پېقىر بولغان كىچىك بالىلارغىمۇ زاكات بېرىش جائىزدۇر. ئەمما ئاتا- ئانىسى باي بولغان كىچىك بالىلارغا زاكات بېرىش جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى بۇنداق بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ باي بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن باي ھېسابلىنىدۇ.

 7- سۇئال: ئۆزى ياش، ئىشلەشكە قادىر كىشىلەرگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئېھتىياج ئىگىلىرىدىن ئىشلەشكە كۈچى بار، ئۆزى ياش كىشىلەرگە زاكات ھالال ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:» زاكات بايلارغا ۋە ئىشلەشكە قادىر كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ« دەپ كۆرسەتكەن. كۈچى بار ياشلارغا زاكات بېرىشنىڭ مەنئى قىلىنىشىدىكى سەۋەب، كىشىلەرنى ئىشلىمەستىن يېتىۋېلىشقا، ھورۇنلۇققا كۆندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسا كېرەك. چۈنكى بەزى تەييارتاپلار ئۈچۈن ھورۇنلۇق ھەسەلدەك تاتلىق، ئىشلەش بولسا زەھەردەك ئاچچىق تېتىيدۇ. مۇنداقلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ بۇلارغا زاكات بېرىلمەيدۇ. بىزنىڭ دىنىمىز ئىشلەشنى ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدىغان، ھورۇنلۇقنى قەتئىي ياقتۇرمايدىغان بىر ئىلغار دىندۇر. ئەمما ئۆزى ياش ۋە كۈچىمۇ بار، بىراق ئىشلەي دىسە ئىش تاپالمىغان ياكى ئىشلىسىمۇ تاپقانلىرى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىغان كىشىلەرگە زاكات بېرىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كېسەللىك سەۋىبى بىلەن ئىشلىيەلمىگەن ياشلارغىمۇ زاكات بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقىلار زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغانلاردۇر.

 8- سۇئال: تۇغقانلارغا زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئاتا- ئانىسىغا، بوۋا- مومىلىرىغا، بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، چەۋرىلىرىگە، ئەر- خوتۇنلار بىر- بىرىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارغا بېرىلگەن زاكات مەقبۇل بولمايدۇ. مۇندىن باشقا قېرىنداشلىرىغا، تاغا ئاكا، تاغا ئاچىلىرىغا ۋە باشقىمۇ تۇغقانلىرىغا- ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا – زاكات بېرىش جائىزدۇر. ئۆزىنىڭ پېقىر تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىش ھەم زاكات ھەم سىلە – رەھىم ھېسابلىنىپ ساۋابى كۆپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا:« پېقىرلارغا بېرىلگەن زاكاتتا زاكاتنىڭ ساۋابى بولىدۇ، پېقىر تۇغقانلارغا بېرىلگەن زاكاتتا ھەم زاكاتنىڭ ھەم سىلە- رەھىمنىڭ ساۋابى باردۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ( ئەھمەد، نەسائىي ۋە تىرمىزى رىۋايىتى )

 9-سۇئال: بىر ياكى ئىككى يىللىق زاكاتنى ئالدىن بېرىش جائىزمۇ.

 جاۋاب: بىر، ئىككى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يىلنىڭ زاكىتىنى ئالدىن بېرىش جائىزدۇر. چۈنكى بۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغالىقتىن سانىلىپ ئۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ. خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا يەر تەۋرەش، سەل، قۇرغاقچىلىق ۋە باشقىمۇ پالاكەتلەر كەلگەن ۋاقىتتا مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ بىر قانچە يىللىق زاكاتلىرىنى ئالدىن بېرىشى ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە. چۈنكى زاكاتنىڭ پەرز بولىشىدىكى سەۋەبمۇ ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجاتلىرىنى راۋا قىلىشتىن ئىبارەت بولغانىكەن، مۇشۇنداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ھالقىلىق پەيتتە قىلىنغان ياردەمنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ.

 10-سۇئال: بانكىنىڭ چەكلىرى ۋە كارتىشكىلىرىگىمۇ نەق پۇلغا ئوخشاش زاكات كېلەمدۇ؟

 جاۋاب: بانكىدىن نەق پۇلنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن چەكلەر ۋە كارتىشكىلارغا ئەلۋەتتە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار نەق پۇلغا ئوخشاشتۇر. بۇلارنىڭ زاكىتىنى خەلق پۇلىدىن بېرىلىدۇ.

 11-سۇئال: بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: بانكىنىڭ ئۆسۈمى جازانىدۇر. جازانە نىجىس ۋە ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك نەرسىلەردىن قىلىنغان خەير- ئېھسانلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن. (بۇخارى رىۋايىتى)

 ئاللاھ تائالا قۇرئاندا:« سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىڭلاردىن بەرمىگىچە ياخشىلىققا ( جەننەتكە ) ئېرىشەلمەيسىلەر» دەپ كۆرسەتكەن. جازانىدىن ئىبارەت مۇنداق ھارام مالنى ئۆزى ئىشلىتىشكە ھالال بولمىغان يەردە ئۇنى باشقىلارغا يىگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئۇنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ – ھارام پۇل. شۇنىڭغا ئوخشاش، جازانىدىن باشقىمۇ ھارام ماللارنى زاكات ياكى سەدەقە ھېسابىدا كىشىلەرگە بېرىش ھارامدۇر، يەنى ئۇ مەقبۇل بولمايدۇ.

 12- سۇئال: بەزى كىشىلەر نەق پۇللىرىنى ساقلاش ئۈچۈن بانكىدا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۈسۈم كېلىدۇ، ئۈسۈمنىڭ ھاراملىقى ئېنىق. ئانداقتا ئۈسۈمنى قانداق قىلىش كېرەك؟

 جاۋاب: بانكىنىڭ ئۈسۈمىنى قانداق قىلىش توغرىلىق 4 يول بار: بىرى، ئۆزى خەشلەش. بۇ جائىز ئەمەس، چۈنكى ئۇسۈمنى يېيىش ئەڭ ئېغىر گۇنالاردىن سانىلىدۇ. ئۇ ھارام بولغاندىمۇ ئەڭ نىجىس ھاراملارنىڭ بىرىدۇر. ئىككىنچىسى، بانكىدا ئىئانە ھېسابىدا قالدۇرۇش. بۇمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى جازانىغا ياردەم بېرىش ئېغىر گۇنالاردىن سانىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، سەدىقە ھېسابىدا پېقىرلارغا بېرىش. بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ھارام مال سەدىقىگە يارىمايدۇ ۋە قوبۇل بولمايدۇ. تۆتىنچىسى، قولىدىكى بۇ ھارام پۇلدىن قۇتۇلۇش نىيىتى بىلەن ئۇنى بېرەر پېقىرغا بەدەلسىز ھالدا بېرىۋېتىش. يۇقىرىقى 4 يولنىڭ ئاخىرقىسى بىلەن بۇ ھارامدىن قۇتۇلۇشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام نەزەرىدە ھارام ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى، ھارام ئەينى، يەنە بىرى، ھارام ھۆكمىيدۇر. ھارام ئەينىي- ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ھارام بولغان ھاراق، چوشقا گۆشىغا ئوخشىغان ھاراملاردۇر. ئەمما ھارام ھۆكمىي- ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇئامىلە ئېتىبارى بىلەن ھارام بولغان ئۈسۈم، ئوغۇرلانغان مالغا ئوخشىغان ھاراملاردۇر. ئۈسۈم ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ھارام بولماستىن، بەلكى مۇئامىلە يەنى جازانە قىلىش بىلەن ھارام بولغان پۇلدۇر. چۈنكى پۇل دېگەن ئۆز زاتى ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، بىر قەرغەز، قەرغەز دېگەننىڭ ھالىلى ۋە ھارىمى بولمايدۇ. 10 يۈەن پۇلنى سىز ئىشلەپ تاپقان بولسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن ھالال، ئەگەر بىراۋ ئۇنى سىزدىن ئوغۇرلىغان بولسا بۇ 10 يۈەن پۇل ئوغرى ئۈچۈن ھارامدۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۈسۈمنى بېرەر پېقىرغا بەدەلسىز بەرگەندە، ئۇ ئالغۇچىسى ئۈچۈن ھالالغا ئايلىنىدۇ. ئۇنى بەرگەن كىشىگە ساۋاپ ياكى گۇنا بولمايدۇ، پەقەت قولىدىكى ئۈسۈمدىن ئىبارەت ئۇ ھارام پۇلدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. ھازىرقى زامان مۇجتەھىد ئالىملىرىدىن دوكتۇر يۇسۇف ئەل قەردلۋىي بۇ مەسىلە توغرىلىق توختىلىپ:« بانكىنىڭ ئۈسۈمىنى ئۆزى ئىشلەتمەستىن، باشقا ھاجەتمەنلەردىن بېرەرسى خەجلىسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھالال بولىدۇ. چۈنكى جازانە مۇئامىلىسىنى قىلغان ئادەم ئۇ ئەمەس. قىسقىسى، ئۈسۈمدىن ئىگىسىنىڭ پايدىلىنىشى ھارام، ئەمما بەدەلسىز ھالدا باشقىسىغا بېرىۋەتسە، ئۇنى ئالغان كىشى ئۈچۈن ئۇ ھالالدۇر » دەيدۇ. (الفتاوى- پەتىۋا يۇسۇف ئەل قەرداۋىي)

 13- سۇئال: زاكات بېرىش شەرتىگە توشۇپ زاكات پەرز بولغاندىن كېيىن ھالاك بولغان مالنىڭ زاكىتى ساقىت بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىپىگە كۆرە، زاكات بېرىش شەرتلىرى تولۇق بولغاندىن كېيىن ئىگىسىنىڭ قەستەنلىكىسىز ھالاك بولۇپ قولدىن چىقىپ كەتكەن مالنىڭ زاكىتى ساقىت بولىدۇ. ئەمما ئىمام ئەھمەدگە كۆرە، شەرتلىرى توشۇپ پەرز بولۇپ بولغان مال قايسى بىر سەۋەب بىلەن ھالاك بولمىسۇن، ئۇنىڭ زاكىتى ساقىت بولمايدۇ ۋە ئىگىسىنىڭ زىممىسىدا قەرز ھېسابىدا قالىدۇ. بۇ مەسىلىدە، ئىككىنچى مەزھەبنىڭ كۆرىشىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

 14- سۇئال: زاكات ئۈچۈن ئايرىغان مال زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىشتىن بۇرۇن ھالاك بولغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

 جاۋاب: بۇنداق ھالەتتە زاكات قايتا بېرىلىدۇ. چۈنكى بېرىدىغان زاكاتنى ئايرىغانلىق زاكاتنى ئادا قىلغانغا ياتمايدۇ. بەلكى ئۇنى زاكاتقا ھەقلىق بولغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەنلا زاكات پەرزى ئادا بولىدۇ. بۇ پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئورتاق قارارىدۇر.

 15- سۇئال: ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ ئۆزى مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىگە زاكات بېرىشكە بولامدۇ؟

 جاۋاب: ئاتا- ئانىسى باي بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ياكى پايدىلىنالمىغان ۋە پېقىرلىققا قالغان كىشىگە زاكات مېلىدىن بېرىش جائىزدۇر. شۇنىڭدەك، ئېرى باي بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان ئايال كىشىگىمۇ زاكات مېلىدىن بېرىش جائىزدۇر.

 16- سۇئال: بالىسى باي بولسىمۇ ئۆزى مۇھتاجلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكات بېرىش جائىزمۇ

 جاۋاب: بالىسى باي بولسىمۇ، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېىشەلمىگەن ۋە پېقىرلىقتا ياشايدىغان ئادەمگە زاكاتتىن بېرىش جائىزدۇر. چۈنكى مۇنداق كىشى بالىسىنىڭ بايلىقى ئېتىبارى بىلەن باي، ئەمما ئۆزىنىڭ مۇھتاجلىقى ۋە بالىسىنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇملىقى ئېتىبارى بىلەن پېقىرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

 17- سۇئال: زاكات ئالغۇچى پېقىرنىڭ تەقۋا، دىيانەتلىك كىشىلەردىن بولىشى شەرتمۇ؟

 جاۋاب: زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولۇشنىڭ شەرتى، زاكات ئالغۇچىنىڭ مۇسۇلمان ۋە ئېھتىياج ئىگىسى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما زاكات ئالغۇچىنىڭ تەقۋا ياكى پاسىق بولۇشى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ زاكات ئالغان پۇل- مالنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، نەشە چېكىشكە ئوخشاش ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زاكات بېرىشى ياخشى ئەمەستۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلگەن زاكات پۇلىنى ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى كۇمان بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن بىلگەن تەقدىردىمۇ زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرىش جائىزدۇر ۋە بۇ زاكات ئادا بولىدۇ. چۈنكى، گۇمانغا ۋە ئىشەنسىز كىشىلەرنىڭ ئىغۋالىرىغا يۆلىنىپ ئىش كۆرۈش بىزنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن بىر يامان ئىشتۇر.

 18- سۇئال: ئىسلامدا زاكاتتىن باشقىمۇ ياردەم ۋاسىتىلىرى بارمۇ؟

 جاۋاب: زاكاتتىن باشقىمۇ ياردەم ۋاستىلىرى كۆپتۇر. سەدىقە، ياردەم، سىلە- رەھىم، ئېھسان ۋە باشقىمۇ ئاتالغۇلار ئاستىدا بۇيرۇلغان ياردەم ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ مىسالىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلارغا زاكاتتىن ئىبارەت بولغان مەجبۇرى ياردەم ۋاستىسىنى بۇيرۇش بىلەن بىرگە، سەدىقە، ياردەم، ئېھسان، سىلە- رەھىم ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىختىيارى ياردەم ۋاسىتىلىرىنى بۇيرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىرلىك، بىراۋەرلىك، قېرىنداشلىق ئىچىدە گۈللەپ ياشنىشىنى مەقسەت قىلغان. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىشىشىنى ئىماننىڭ كېرەكلىك ماددىلىرىدىن قىلىپ بەلگىلىگەن. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« خوشنىسىنىڭ ئاچ ياتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى تويغۇزماستىن ئۆزى توق ياتقان ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس!» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى رىۋايىتى)

 19- سۇئال: سىلە- رەھىم دېگەن نېمە؟

 جاۋاب: سىلە- رەھىم- ئۇرۇق- تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش دېمەكتۇر. سىلە- رەھىم ئاللاھ تائالا ئۆزى بېۋاسىتە بۇيرىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىبادەتلەردىندۇر. ئۇنى تەرك ئېتىش ئېغىر گۇنالاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:«ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ۋەدىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار، ئاللاھ تائالانىڭ سىلە- رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ» دەيدۇ. ( رەئد سۈرىسى 25- ئايەت )

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« سىلە- رەھىمنى تەرك ئەتكەن ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ » دەپ كۆرسەتكەن. ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى )

 زاكات ۋە ھەر قانداق ياردەمنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پېقىر تۇغقانلىرىغا بېرىش ئەڭ ئەۋزەلدۇر. ئۇرۇق- تۇغقانلارغا قىلىنغان ياردەمدە سەدىقە بىلەن سىلە- رەھىم ھەر ئىككىسىنىڭ ساۋابى باردۇر.

 20- سۇئال: زاكات بېرىشنىڭ پەرز بولىشىغا يېتەرلىك شەرتلىرى تولۇقلىنىپ بولغان مالنىڭ زاكىتىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش جائىزمۇ؟

 جاۋاب: زاكاتنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا پۇل- مالغا ئىگە بولغانغا ھىجرىيە ھېسابىدا تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھامان ئۇنى ئادا قىلىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى، خۇددى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن ھامان نامازنى ئادا قىلىش پەرز بولغاندەك، زاكاتنىمۇ شەرتلىرى تولۇقلىنىڭ ئادا قىلىش ۋاقتى كەلگەن ھامان كېچىكتۈرمەستىن ئادا قىلىش پەرزدۇر. زاكاتنى ئۆزۈرسىز كېچىكتۈرگەن ئادەم گۇناھار بولىدۇ. ئەقبە ئىبنى ھارىستىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغانىدىم، ئۇ نامازدىن سالام بېرىپ بولۇپ ناھايىتى ئالدىرىغان ھالدا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆيىدىن چىقىپ يېنىمىزغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراپ ئۆيىگە تېز كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئەجەپلىنىۋاتقان مەسجىد ئەھلىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا”نامازدا تۇرغىنىمدا ئۆيۈمدە ئازراق خام ئالتۇننىڭ بارلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم-دە، ئۇنىڭ بىزدە تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقىمدىن، شۇڭا ئالدىراپ كىرىپ ئۇنى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىۋېتىشنى بۇيرىدىم“ دېدى». ( بۇخارى رىۋايىتى )

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەپ:« سېنىڭ پۇل- مېلىڭغا زاكات پەرز بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى ھامان ئادا قىلمىساڭ، ھارام ھالالنى ھالاك قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى رىۋايىتى)

 ھەدىستىكى«ھارام»دىن مەقسەت، ھاجەت ئىگىلىرىنىڭ ھاققى بولغان ۋە مال ئىگىسىنىڭ قولىدىن چىقىپ بولالمىغان زاكات،« ھالال»دىن مەقسەت، مال ئىگىسىنىڭ زاكاتنىڭ سىرتىدىكى پۇل- مېلىدۇر.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە:«مالغا ئارىلاشقان زاكات ئۇمالنى ھالاك قىلماي قالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. (بۇخارى رىۋايىتى).