ھىجرىيە: | مىلادىي: 19 Ekim 2018

چىكىنىڭ
رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا

                        رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا

     ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى

    ئالدىن قېتىمقى يازمىدا ''بىزدىكى ئەخلاق كرىزىسى'' نامى ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئەخلاققا بولغان ئېھتىياجىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىغا باغلاپ چۈشىنىشكە تىرىشقان ئىدۇق. ئەمما بۇ ماقالىدا رەسۇلۇللاھنىڭ سىيرەتتە تونۇشتۇرۇلغان ئەخلاقى بىلەن تۆۋەندە قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.

    ئاللاھ ئەززە ۋەجەل رەسۇلۇللاھنى: «(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن» دەپ سۈپەتلىگەن ئىكەن، بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەخلاقىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا توغرىلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەخلاقى قاراشقا بولغان ئېھتىياجىمىز سۇ بىلەن ھاۋاغا بولغان ئېھتىياجىمىزدىنمۇ يۇقىرى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.

   مۇھەممەد جامالىددىن رەئپەتنىڭ "ئىسلامدا جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەخلاقى" ناملىق كىتابىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىنلا ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ۋە ھىمايىسى ئىچىدە چوڭ بولدى، ئاللاھ ئۇنى جاھلىيەتنىڭ قىلمىشلىرىغا يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ساقلىدى. ئۇ پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ قەۋمى ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك، ئىنسانىلىيقى ئالىيجاناب، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل، نەسەبى ئەڭ يۇقىرى، قوشنىلىرىغا مېھرىبان، مۇلايىم، سۆزدە راستچىل، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان، ياش ۋاقتىدىن تارتىپ مەككە ئەھلىدە ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەيشى-ئىشرەتتىن يىراق، جامائەت ئىچىدە ئەمىن (ئىشەنچىلىك) دەپ تونۇلغان ئىدى.

   ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ھىند ئىبنى ئەبى ھالەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ مۇنداق تەسۋىرلىگەن: "رەسۇلۇللاھ داۋاملىق تەپەككۇر قىلاتتى، ئېھتىياج بولمىسا گەپ قىلمايتتى، سۈكۈت قىلىشقا ئامراق ئىدى، مۇلايىم ئىدى، قوپال ئەمەس ئىدى، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋالمايتتى، نېمەتنى ئۇلۇغلايتتى، تاپا-مالامەت قىلمايتتى، ئۆزى ئۈچۈن قەتئىي ئاچچىقلانمايتتى، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاپ تۇراتتى، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى سوراپ تۇراتتى، ياخشى ئىشنى كۆرسە ئۇنى قوللايتتى، يامان ئىشنى كۆرسە دەرھال ئۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلاتتى، ئولتۇرسا-قوپسا ئاللاھنىڭ زىكرىنى تىلىدىن چۈشۈرمەيتتى، بىرسى بىلەن ئولتۇرسا قارشى تەرەپ ئورنىدىن تۇرمىغۇچە سورۇننى بۇزۇپ ئورنىدىن تۇرمايتتى، بىرسى بىر نەرسە سورىسا قورۇق قايتۇرمايتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ مەجلىسى ھاياغا تولغان، ئېغىر بېسىقلىق، سەۋرچانلىق مەجلىسى بولۇپ، ھېچكىم يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشمەيتتى، داۋاملىق كۈلۈمسىرەيتتى، ھەرىكىتى يەڭگىل ئىدى، قوپاللىق قىلمايتتى، قوپال چاقچاق قىلمايتتى، ئادەم سۆكمەيتتى، باشقىلارنى ئاشۇرۇپ ئۇچۈرۈپ ماختىمايتتى، ھېچكىشىگە كايىمايتتى، ھېچكىشىنى سورۇندىن قوغلىمايتتى، ھەر قانداق سۆز قىلسا ساۋاب ئۈمىد قىلىپ سۆزلەيتتى".

   ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: "رەسۇلۇللاھ ھاجىتى چۈشۈپ كەلگەن ئادەمنى قەتئىي قورۇق قول قايتۇرمايتتى، جامائەت سورۇنىدا پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتى، ھاياتىدا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىرنەرسە يېمىگەن ئىدى، بىر نەرسە سورالسا ياق دەپ باقمىغان، ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە چوقۇم ئاسانراقىنى تاللايتتى، ناماز ئوقۇسا تولۇق ئوقۇش بىلەن بىرگە يەڭگىل ئوقۇيتتى، خۇتبە ئوقۇسا بەك قىسقا ئوقۇيتتى".

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: "رەسۇلۇللاھ ھاياتىدا ئايال كىشى ياكى خىزمەتچىسىنى ئۇرۇپ باقمىغان، ھەرقانداق ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە گۇناھ بولمىغان تەقدىردە ئاساننى تاللايتتى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيتتى".

   ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھنىڭ 9يىل خىزمىتىنى قىلدىم، بىر قېتىممۇ ما ئىشنى نېمىشقا قىلدىڭ؟ ياكى نېمىشقا قىلمىدىڭ؟ دېمىگەن، ھېچقانداق نەرسىنى ئەيىپلىمىغان، يولدا ساھابىلار بىلەن ئۇچراشسا قولىنى سۇنغان كىشىگە دەرھال قولىنى بېرەتتى، قارشى تەرەپ قولىنى تارتمىغۇچە تارتمايتتى".

  خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا رەسۇلۇللاھ؛ ئەدەپلىك ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئەدەپلىكى ئىدى، ساھابىلار ئالدىدا پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتى، بىرسى يوقلاپ كەلسە مېھمان ئورنىدىن تۇرمىغۇچە تۇرمايتتى، تائامنى، سۇنى پۈدىمەيتتى، قاچىغا تىنمايتتى، چۈشكۈرسە قولى ياكى لاتىنى بۇرنىغا تۇتاتتى، كېچىلەردە قوپۇپ مىسۋاك قىلاتتى، تاماقتىن كېيىن، يېمەكتىن كېيىن مىسۋاك قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئەتىر ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرەتتى، بەدەن تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، ساھابە كىراملارغا بىر ئىستاكان سۇنى بىر تىللاغا ئېلىپ بولسىمۇ جۈمە كۈنى(غۇسلى قىلىڭلار) چوڭ تاھارەت ئېلىڭلار دەپ  بۇيرۇيتتى".

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى بولۇپ، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئەخلاقىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىغا توغرىلاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

   ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەممىمىزنى ئەخلاقى گۈزەل ئىنسانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.