ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Ocak 2020

چىكىنىڭ
روزا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

 

روزا ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

   ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى

   روزا - تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغىچە روزا تۇتۇش نىيىتى بىلەن، يېيىش - ئىچىشتىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن ۋە روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان بارلىق ئامىللاردىن ئۆزىنى ساقلىماغلىقتۇر. روزا ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى - ھوشى جايىدا، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان، سەپەرگە چىقمىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا رامىزان ئېيىنى كۆرۈش ياكى شەئبان ئېيىنى تولۇق ئوتتۇز كۈن تاماملاش بىلەن روزا توتۇش پەرز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ، أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ ۚ وَأَن تَصُومُوا خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ، شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِّنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇئمىنلەر! تەقۋا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ (قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر روزا تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، (روزا تۇتمىغان بولسا، روزا تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 183-184-185-ئايەتلەر].

   يېيىش - ئىچىش، جىنسى مۇناسىۋەت، قان ئالدۇرۇش، زورلاپ ياندۇرۇش، ھەيز ۋە نىپاس قاتارلىقلار روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئامىللاردۇر.

   مىسۋاك قىلىش، سەپەرگە چىقىش، ھاۋا قىزىپ كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆزىنى سوۋۇتۇش، (غىزلاندۇرىدىغان ئوكۇل بولمىسىلا) ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىش، كۆزىگە سۈرمە تارتىش قاتارلىقلار روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردۇر.

    سۇھۇرلۇق يىيىشنى كېچىكتۈرۈش، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «سۇھۇرلۇقنى كېچىكتۈرۈڭلار، ئىپتارغا ئالدىراڭلار.» [تەبەرانى رىۋايىتى].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «خەلق ئىپتار قىلىشقا ئالدىرىسىلا داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    نېمە بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك؟ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل خۇرما بىلەن، ھۆل خۇرما تېپىلمىسا قۇرۇق خورما بىلەن، ئۇمۇ تېپىلمىغاندا سۇ بىلەن ئىپتار قىلاتتى.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

   ئىپتار قىلغاندا نېمە دېيىش كېرەك؟ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىپتار قىلغاندا مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئاللاھ خالىسا ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ساۋاپ بېرىلدى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

   روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى.» [ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ھەببان رىۋايىتى].

   ئىپتارلىق بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئىپتارلىق بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

   رامزاننىڭ كېچىلىرىنى تەراۋىھ، تەھەججۇد، تۆۋبە - ئىستىغفار، زىكىر - تەسبىھ ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش لازىم. تەراۋىھ نامىزى سۈننەت بولۇپ، ھەر ئىككى رەكەت ناماز ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىر ئاز ئارام ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ناماز تەراۋىھ (يەنى ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش) نامىزى دەپ ئاتالغان. تەراۋىھ نامىزىنى قانچە رەكەت ئوقۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرى بار بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار تەراۋىھ نامىزىنى ۋىتىر نامىزىنى قوشماي سەككىز رەكەت، ۋىتىر نامىزىنى قوشقاندا ئون بىر رەكەت ئوقۇش سۈننەت، ئەمما ئۇنىڭدىن زىيادە ئوقۇش جايىز دەپ قارايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ۋە ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن، ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونى كەلسە، كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇپ قوياتتى، ئىبادەتكە بەك ئەھمىيەت بېرەتتى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   رامىزان ئېيىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، ئۇنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىگە كېچىكتۈرۈش ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ۋاقىتلارغا قارىغاندا، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا (ئىبادەت قىلىشقا) ئالاھىدە تىرىشاتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆزى ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن سەدىقە پىترە بېرىشى ۋاجىپدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولۇشى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە پىترە بېرىشنى ۋاجىپ قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا، ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئادا قىلسا، ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

   تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن ئولتۇرغىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرك ئېتىپ قويسىلا روزا تۇتقانلىق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە روزا ئىبادىتى ئۇنداق يۈزەكى ۋە ئۇنداق ئاسان ئىبادەت ئەمەس، بەلكى ئۇ چۇڭقۇر مەزمۇن ۋە كەڭ مەنالارغا ئىگە ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىپلەر» دە روزا تۇتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر - ساۋابلار بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان. ھەدىس قۇدۇسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئادەم بالىسىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈن بولۇپ، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاپ بېرىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ روزىسى مەن ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۆزۈم بېرىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   سالىھلارنىڭ بىرى مۇنداق دېگەنىكەن: يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئاسان، لېكىن قوبۇل بولىدىغان روزا تۇتماق قىيىن. ئىنساننى تەقۋالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىگەن روزىنى ھەقىقىي روزا دېگىلى بولمايدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «كىمكى يالغان سۆزنى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ۋە جاھىللىقنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى].

   ئۆلىمالار روزىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنىڭ تەقۋالىقنى يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىخلاسنى ساپلاشتۇرۇش، نېمەتنىڭ قەدرى - قىممىتىنى تونۇتۇش، نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىشنى ۋە ئۇنى يېڭىشنى ئۆگىتىش، شەيتاننىڭ نوپۇز ۋە كونتروللۇقىنى ئاجىزلىتىش، ۋاقىت ۋە نىزاملارغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈش، ئۆزگىرىشنىڭ ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇمكىنلىكىدىن ئۈمىدلەندۈرۈش، ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋرىچانلىقنى ئۆگىتىش، تەننى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق سىر - ھېكمەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، روزا ئىبادىتىنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر مۇئمىن - مۇسۇلماننىڭ ئۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.    

   روزىنىڭ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئىش - ھەرىكەتلىرىدە چوقۇم ئىجابىي تەسىرى بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ روھسىز جەسەتكە ئوخشاش بولۇپ قېلىپ، ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

   خەلقنىڭ روزىغا بولغان كۆز قارىشى ئىسلام چۈشەنچىسى نۇرى ئاستىدا ئۆزگىرىشى، خەلق روزىغا ئەجدادلاردىن قالغان مىراس ئادىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئاساسلىرىدىن مۇھىم بىر ئاساس ۋە  ئۇلۇغ بىر ئىبادەت سۈپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم.

   رامىزان كېلىدۇ - كېتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا، ئەخلاقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئىلگىرى قانداق بولغان بولسا، رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ شۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ، بەلكى رامىزان بەزىلەرنى ئاللاھتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇلار بولسا، رامىزاننى يامان كۆرىدىغان، مۇئمىنلەرنى ئىماندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنىدىغان مۇناپىقلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مۇسۇلمانلارغا رامىزاندىن ياخشىراق بىر ئاي، مۇناپىقلارغا رامىزاندىن يامانراق بىر ئاي كەلمىدى. چۈنكى بۇ ئايدا مۇئمىنلەر ئىبادەت ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت، مۇناپىقلار غەپلەت ۋە گۇناھ - مەسىيەت يىغىدۇ، بۇ ئاي مۆمىن ئۈچۈن غەنىمەت، مۇناپىق - پاجىرلار ئۈچۈن ئازابدۇر.» [ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقى رىۋايىتى].

   رامىزان مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەپ يىتىشتۈرىدىغان ئالى مەكتەپ، ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسىغا، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدىغان كەڭ مەيدان بولۇشى لازىم.

   ئۆلىمالار روزا تۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئەدەپ - ئەخلاقلارنى بايان قىلغان بولۇپ، مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

   1- سەۋرچان بولۇش. روزا تۇتقۇچى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا، خەلقنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش جەريانىدا يۇلۇققان قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنى پاسىقلىق ۋە ئەخلاققا يات سۆزلەرنى قىلمىسۇن. بىراۋ ئۇنى ھاقارەتلىسە ياكى ئۇرۇشسا، مەن روزىدار دېسۇن.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل تەلىماتى تۇرۇقلۇق بەزى ئىنسانلارنىڭ نېرۋىسى چېچىلىپ، غەزىپى ئۆرلىگەندە، باشقىلارغا يولسىزلىق قىلغانلىقىنى، قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكىنى، ھەتتا جېدەللىشىپ، مۇشتلىشىپ كەتكەنلىكىنى، غەزىپى بېسىققاندىن كېيىن: روزا تۇتۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قاپتىمىز، دەپ گويا روزا ئۇلارنى مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلىشقا چاقىرغاندەك، يولسىزلىقىنى روزىغا ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلار روزىنىڭ ھەقىقىتىنى، ئۇنىڭ سەۋرچان، كەچۈرۈمچان، كۆيۈمچان ۋە كەڭ قۇرساق بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، روزىغا ھەرگىز بۇ بۆھتاننى چاپلىمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە!.

     2- كۆيۈمچان بولۇش. روزا تۇتقان كىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنۈشى، رەھىم - شەپقەت قىلىشى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى، ھاجەتلىرىدىن چىقىشى، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىق قىلىشى، ئۇلاردىن يامانلىقنى توسۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ارْكَعُوا وَاسْجُدُوا وَاعْبُدُوا رَبَّكُمْ وَافْعَلُوا الْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىش، يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار.» [سۈرە ھەج 77-ئايەت].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ. كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدە بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدە بولىدۇ. كىمكى مۇسۇلماننى دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقتىن چىقىرىپ قويسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت قىيىنىچىلىقىرىدىن بىر قىيىنچىلىقتىن چىقىرىپ قويىدۇ. كىمكى مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپىدىكەن، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   3- شاپائەتچان بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَّن يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُن لَّهُ نَصِيبٌ مِّنْهَا ۖ وَمَن يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُن لَّهُ كِفْلٌ مِّنْهَا ۗ وَكَانَ اللَّـهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُّقِيتًا﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، (ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، (يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر.» [سۈرە نىسا 85-ئايەت].

   ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «بىرەر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھاجىتىنى تەلەپ قىلىپ كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغانلارغا يۈزلىنىپ: بۇ كىشىگە شاپائەت قىلىپ قۇيۇڭلار ساۋاپ بېرىلىسىلەر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلدۇرىدۇ، دەيتتى.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   4- سەمىمىيەتچان بولۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىن نەسىھەتتۇر، دىن نەسىھەتتۇر، دىن نەسىھەتتۇر (يەنى سەمىمى بولۇشتۇر)» دېگەندە، ساھابىلار: يا رەسۇلۇللاھ! سەمىمى بولۇش كىم ئۈچۈندۇر؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دەپ جاۋاب بېرىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

   جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازنى تۇلۇق ئادا قىلىش، زاكات بېرىش ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىمى بولۇش شەرتى بىلەن بەيئەت قىلدىم.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دىنىي قېرىندىشىغا ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭغا سەمىمى بولۇش، ئۇنى ياخشىلىققا، نىجاتلىققا چاقىرىش، ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مۆمىنلار ئۆز ئارا بىر - بىرىگە مېھرى - مۇھەببەت كۆرسىتىشتە، بىر-بىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈشتە خۇددى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر بەدەننىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا، قالغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى بىئارام بۇلىدۇ ۋە قىزىتىدۇ.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   5- ياراشتۇرغۇچى بولۇش. بۇ، كۆپلىگەن ئىنسانلار غاپىل بولۇپ كېلىۋاتقان ياخشىلىق ئىشىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَّا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّـهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھىبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجر ئاتا قىلىمىز.» [سۈرە نىسا 114-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.» [سۈرە ھۇجرات 10-ئايەت].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ بارلىق بۇغۇملىرىغا سەدىقە واجىپ بولىدۇ، ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويىشىڭىز سەدىقىدۇر، بىر ئادەمنى يۆلەپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىگە مىندۈرۈپ قويىشىڭىز ياكى ئۇلىغىنىڭ ئۈستىگە يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ ئارتىشىپ بېرىشىڭىز سەدىقىدۇر، ياخشى سۆز سەدىقىدۇر، ناماز ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز سەدىقىدۇر، يولدىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلىشىڭىز سەدىقىدۇر.» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   6- ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىدىغان بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ﴾ تەرجىمىسى:  «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْعَصْرِ ، إِنَّ الْإِنسَانَ لَفِي خُسْرٍ ، إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ﴾ تەرجىمىسى: «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر.» [سۈرە ئەسرى 1-2-3- ئايەتلەر].

   رامىزاندا ئىپتارلىق بېرىش ۋە تارقىتىش، قۇرئان كەرىم كۇرسى ئېچىش، دەۋەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دىنىي مەزمۇنلاردىكى ئۈن - سىن لىنتىلىرىنى، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى كىتاب - ژۇرناللارنى تارقىتىش، يېتىم - يېسىر، نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپەتكە يولۇققانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، روزا تۇتقان مۇسۇلمانلار بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بۇ مۇبارەك ئايدا چوڭ ساۋاپقا ئېرىشۋېلىشقا تىرىشىشى لازىم.

     رامىزان نەسىھەت قىلىش، تەربىيلەش، ھەقنى چۈشەندۈرۈش، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. چۈنكى بۇ ئايدا دىللار رەببىگە يۈزلىنىدۇ، نەپسىلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلايدۇ، جىن - شەيتانلەر باغلىنىدۇ. شۇڭا ياخشىلىقنى سۆيىدىغان مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ ئىماملار، ئوقۇغۇچىلار، دەۋەتچىلەر بۇ مۇبارەك، ئۇلۇغ ئايدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، خەلقنى توغرا يولغا يېتىكلىشى لازىم.

   7- ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەتنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغان بولۇش. روزا، ئاسمان - زېمىنلار ۋە تاغلار ئۈستىگە ئېلىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن، ئىنسان ئۈستىگە ئالغان ئامانەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنسَانُ﴾ تەرجىمىسى:  «شۈبھىسىزكى، بىز  (پەرزلەر ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىدىن ئىبارەت) ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى.» [سۈرە ئەھزاب 72-ئايەت].

   كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن ئېغىز ئېچىۋىتىپ، بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ئامانىتىگە سەل قارىغۇچى ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. ئەبۇ ئۇمامە ئەلباھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، يېنىمغا ئىككى ئادەم كېلىپ، بىلىكىمدىن تۇتۇپ، مېنى ئېگىز - پەس بىر تاغنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ: بۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىققىن، دېدى. مەن: بۇ تاغقا چىقالمايمەن، دېدىم. ئۇلار: بىز ياردەملىشىمىز، دېدى. مەن تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، قاراڭغۇ بىر يەرگە كەلگەندە، ئۇشتۇمتۇت ناھايىتى قاتتىق چۇقانلارنى ئاڭلىدىم. مەن ئۇلاردىن: بۇ نېمە ئاۋازلار، دەپ سورىدىم. ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ چۇقانلىرىدۇر، دېدى. ئاندىن يەنە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردۇم، ئۇشتۇمتۇت يېرىلغان جاۋغايلىرىدىن قان ئېقىپ تۇرغان بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم. مەن ئۇلاردىن: بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. ئۇلار: بۇ ئادەملەر كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقانلاردۇر، دېدى». [سەھىھۇتتەرغىب ۋەتتەرھىب].

   روزىغا سەل قاراپ، كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېغىز ئېچىۋەتكەنلەر ھەققىدە بۇ قەدەر قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن يەردە، پۈتۈن بىر كۈن، پۈتۈن بىر ئاي روزا تۇتمىغانلارنىڭ ئەھۋالى نېمە بولار؟! روزا تۇتقانلارنى مازاق قىلغانلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟!.

   خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، روزىنىڭ ھەر بىر مۇسولماننىڭ ھاياتىدا، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئىش - ھەرىكەتلىرىدە چوقۇم ئىجابىي تەسىرى بولۇشى لازىم.