ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Haziran 2018

چىكىنىڭ
دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق...!

 

 

 

 

دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق...!

 

ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ يېقىنقى ئىككى - ئۈچ يىلدىن بېرى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.  مۇشۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ 19- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتىدۇ. قۇرۇلتايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئاتالمىش تېررورغا ۋە بۆلگۈنچىلككە قارشى سىياسەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا قارىتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېچ ئامالسىز ھالدا يۈرىكىمىز قان يىغلاپ تۇرماقتىمىز...

بىز "شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى" بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ۋەتىنىمىزدىكى مەزلۇم ۋە چارىسىز خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان بۇ تەسۋىرلىگۈسىز خورلۇق ۋە ئاھانەتلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ۋە زالىملارنىڭ ھالاكىتىنى تېلەپ ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. مەزكۇر خالىس دۇئانى بۈگۈندىن ئېتىبارەن 30 كۈن داۋام قىلىشقا بارلىق قېرىنداشلار ئومۇمىيۈزلۈك سەپەرۋەر قىلايلى!

دۇئا ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا. ئۇ، بالا-قازاغا قارشى تۇرالايدۇ. بالا-قازانى چېكىندۈرىدۇ ۋە چارىسىنى قىلىدۇ. دۇئا بالا-قازانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە ياكى يۈز بەرگەن بالا-قازانىڭ يەڭگىللىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر].[1]

(ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن)[2]

(بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟)[3]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : "دۇئادىن باشقىسى بالايى-قازالارنى قايتۇرالمايدۇ"[4] دېگەن.

 ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ئاللاھتىن دۇئا ئارقىلىق ياردەم تىلەيتتى. دۇئا ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوشۇنى ئىدى. ئۇ سەپداشلىرىغا «سىلەر سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن غەلىبە قىلالمايسىلەر. بەلكى ئاسماندىن (ئاللاھتىن) كەلگەن ياردەم ئارقىلىق غەلىبە قىلالايسىلەر» دەيتتى.

ھىجىرىيەنىڭ 4- يىلى يەتمىشكە يېقىن مەشھۇر قارى ساھابە شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئايغىچە ناماز بامداتنىڭ ئىككىنچى رۇكۇسىدىن كېيىن مەخسۇس دۇئا قىلغان ئىدى.

قېنى بارلىق قېرىنداشلار بىرلىكتە 30 كۈنلۈك ئومۇمىيۈزلۈك دۇئاغا قول كۆتۈرەيلى. چۈنكى بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمىگەن ھەرقانداق ئىشقا ئاللاھنىڭ چوقۇم كۈچى يېتىدۇ ۋە بىزنىڭ ئاشۇ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خالىس دۇئالىرىمىز چوقۇم ئېجابەت بولىدۇ.

 

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى



[1]  سۈرە نىسا 148-ئايەت.

[2]  سۈرە بەقەرە 186-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3]  نەملە سۈرىسى 62-ئايەتنىڭ بىرقىسمى.

[4]  ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر