ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
دۇنيا ئالىملار بىرلىكى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

   دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى  بىلەن  خەلقئارالىق مۇسۇلمان ئالىملار ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بىرلەشمە كېڭەش يىغىنى 2017-03-25- كۈنى ئىستانبۇلدا ئىچىلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۇستاز ئىبراھىم داموللام ۋە ئۇستاز نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

   بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىسلامىي شەخسلەر ۋە تۇركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىسلامىي تەشكىلاتلار، مەشھۇر دىنى شەخسلەر ئىشتىراك قىلدى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئەركىن سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن ئىبراھىم داموللام قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۆتتى.

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى يىغىن جەريانىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلۋاتقان بەزى مۇھىم شەخىسلەر بىلەن ئۈچرىشىش ئىلىپ باردى ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

   شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى ئىستانبۇل مۇپتىسى دوكتۇر ھەسەن كامىل يىلماز بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى بەردى.

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر