ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Ekim 2020

چىكىنىڭ
دىنىي رەھبەربەرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا جىدىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

دىنىي رەھبەربەرلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا جىدىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان دىنىي جامائەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 76 نەپەر دىنىي رەھبەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى ۋە جاۋابكارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

يەھۇدىي خاتىرىلىرى، 2020- يىلى 8- ئاۋغۇست

خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان ئىمزا قويغۇچىلار، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى باستۇرۇش «(يەھۇدىي) چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىرى» دېدى.

ئەنگىلىيەدىكى 20 راببىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 76 نەپەر دىنىي رەھبەر ئەنگىلىيە، شىمالىي ئامېرىكا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۈرلۈك دىنلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار «خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان يوشۇرۇش ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە چاقىرغان ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدى.

شەنبە كۈنى ئىلان قىلىنغان بۇ خەتكە ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، بېرما ۋە ھىندىنوزىيەدىن كەلگەن تۈرلۈك دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىمزا قويغان.

ئۇنىڭ ئىمزا قويغۇچىلىرى يەھۇدىي دىنى، ئىسلام دىنى ۋە خىرىستىئان دىنى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تىبەت بۇددا دىنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان زىيانكەشلىك «چوڭ قىرغىنچىلىقتىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ ئىنسانىي پاجىئە».

مەكتۇپتا خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ۋە جىنايەتلەرلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنى سۈرۈشتۈرش تەلەپ قىلىنغان.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز نۇرغۇن زىيانكەشلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنى كۆردۇق، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. ئەمما يەنە بىرى مەىسلە شۇكى، ئەگەر جازالانماستىن داۋاملاشتۇرۇشقا يول قويۇلسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەممە ئادەم - ئۇيغۇرلار-  ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسىگە قارىتا جىددىي گۇمان پەيدا قىلىدۇ».

ئىگىلىنىشچە، خىتاي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك، نازارەت قىلىش، دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى قاتتىق چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خورلاش ۋە دەپسەندىچىلىكلەرنى يۈرگۈزگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنقىدچىلەر خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى شەكىللەندۈرۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى يەھۇدىي رەھبەرلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار يەنە ئون نەچچە مۇسۇلمان رەھبەرنى، كانتېربۇرىينىڭ سابىق باش پوپى ئېپىسكوپى روۋان ۋىللىيامىس، لوندوننىڭ كوپتىكا-پراۋۇسلاۋىيە باش پوپى ئانگېلوس بىلەن بېرما ۋە ھىندونېزىيەنىڭ كاتولىك كاردىناللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 يەھۇدىي ئىمزا قويغانلار ئىچىدە پېشقەدەم سېفاردى راببى جوسېف دۋېك، گولدېرس يېشىل سىنوگۇگنىڭ پېشقەدەم ئۇستازى دوكتور خارۋېي بېلوۋىسكىي، ئەركىن يەھۇدىي دىنىنىڭ ۋاقىتلىق دېرىكتورى راببى چارلېي باگىنسكىي، ئالىي ئىسلاھات راببى لاۋرا جاننېر-كلائۇسنېر ۋە راببى بارونېس جۇلىيا نېبېرگېر قاتارلىقلار بار.

ئوچۇق خەتنىڭ ئاپتورلىرى يېقىندا ئىلان قىلىنغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلارغا ئىشارەت قىلدى - «1948-يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، بۇ ھەرىكەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.»

دىنىي رەھبەرلەر مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېنىق مەقسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش».

بۇ مەكتۇپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشىنى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، دۇنيا "ھەرگىز قايتلانمايدۇ»دېدى. بۈگۈن بىز بۇ سۆزلەرنى "ھەرگىز تەكرارلانمايدۇ" دېگەن سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاۋاتىمىز».

«بىز ھەممە يەردىكى ئېتىقادلىق ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەرنى بىز بىلەن بىللە بولۇشقا، دۇئا، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەرىكە ئارقىلىق بۇ ئاممىۋى ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلىمىز. بىز ئادىللىق ئۈچۈن ئاددىي بىر چاقىرىق قىلىمىز: بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى بەرپا قىلىش».

بۇ مەكتۇپ، «ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشى»، خىرىستىيان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى CSW، شۇنداقلا ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىتتىپاقى» ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» قاتارلىقلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

ئىمزا قويغۇچىلار يەنە، مەكتۇپتا «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇيانقى دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش»قا دۇچ كەلگەن دەپ تەسۋىرلەنگەن تىبەت بۇددىستلىرى، فالۇنگۇڭچىلار ۋە خىتاي خىرىستىيانلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 

turkistantimes.com/uy/news-13332.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر