ھىجرىيە: | مىلادىي: 13 Aralık 2018

چىكىنىڭ
دىنىي ئىلىم ۋە پەننىي ئىلىم

دىنىي ئىلىم ۋە پەننىي ئىلىم

مۇھەممەد يۈسۈپ

دىنىي ئىلىم، پەننىي ئىلىم ياكى دۇنيالىق ئىلىم، ئاخىرەتلىك ئىلىم دەپ ئايرىش توغرا بولمىغان بىر ئايرىشتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى دىنىي ئىلىمدۇر، ھەممىسى ئاخىرەتلىك ئىلىمدۇر. ئەكسىچە، گەرچە تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى ئوقۇسىمۇ، ئۇنى زالىملارغا خىزمەت قىلىش ياكى ئابرۇي قازىنىش ۋە ياكى دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئوقۇسا، ئۇ دىنىي ئىلىم ھېسابلانمىغاندەك، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە بىئولوگىيىگە ئوخشىغان تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنى ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلدۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇسا، ئۇ دىنىي ئىلىم ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇلغان ئاخىرەتلىك ئىلىم بولىدۇ. دېمەك، نىيەت ھەممىدىن ئەلا. ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ئىلىملەر تۈرلەرگە ئايرىلمايتتى. ئۆز ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان بىيرۇنىي،  خارەزمىي، فارابى، ئىبنى رۇشدى، ئىبنى ھەيسەم، ئىبنى سىنا قاتارلىق سان ـ ساناقسىز ئالىملارنىڭ ھەربىرى دىندا ئالىم بولغاننىڭ سىرتىدا، مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، خېمىيە، ئاسترونومىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىلىم ـ پەن ساھەلىرىدە ئەڭ ئاۋۋال پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ پەنلەرنىڭ نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرىنى تۇرغۇزغان كىشىلەر ئىدى.

ئەپسۇسكى، بىز  ئىسلام ئۈممىتى 16 - ئەسىردىن كېيىن، دىنىمىزنىڭ ساپ ئەقىدىسىدىن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ روھىدىن يىراقلىشىش ۋە ئىسلام تەلىماتىدىن ياتلىشىش نەتىجىسىدە، تۈرلۈك خۇراپاتلارنى دىن نامىدىن قوبۇل قىلدۇق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان كەڭ ئىلىم گەۋدىسىنى كىچىكلىتىپ ۋە تارايتىپ بېرىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۈچ _ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قالىدىغان، سەلتەنىتىنى قوغداپ قالىدىغان پەننىي ئىلىملەرنى دەرسلىكىمىزدىن چىقىرىۋەتتۇق، گۇمانىمىزچە ئىلىم _ پەننى كاپىرلار ئوقۇسۇن، بىز ئاخىرەتلىك ئىلىملەرنى ئوقۇيلى دەپ، ئۆزىمىزگە يا پەرزەنتلىرىمىزگە قىلچە ئەسقاتمايدىغان، دىنىمىزغا خىزمەت قىلمايدىغان ئىلمى كالام، پەلسەپە، مەنتىق دېگەن پەنلەرگە چۆكۈپ كەتتۇق، ئەمما دىننىڭ ئەسلى بولغان قۇرئان تەپسىرى، ھەدىس شەرھى دېگەنلەر ھاياتىمىزدىن ۋە مەدرىسىلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتۇق. چۈنكى مۇنداق چوڭ ماۋزۇدىن سۆز ئېچىش خەتەرلىكمىش. مۇندىن 30 يىل ئىلگىرى ناھىيىمىزنىڭ ئەللامىسى رەھمەتلىك ئۇستازىم ئەمىن ھاجىمنىڭ ئۇستاز «بىزگە تەپسىردىن دەرس بەرگەيلا »دېگەن تەلىپىمىزگە «تەپسىر نەدە؟ مەن نەدە؟ خاتا كەتسە بولمايدۇ، شۇڭا مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ» دېگەنلىكى ھازىرغىچە ئېسىمدە. ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتىلىرى قاتارىدىن سانىلىدىغان، «دېڭىزدەك ئىلمى بار» دەپ سۈپەتلەنگەن ئالىم شۇنداق دېگەن يەردە باشقا ئۆلىمالارنىڭ ئەھۋالىمۇ پەرقلىق بولمىغان. بىز ئەسلى مەنبەدىن ئەنە شۇنداق بىر قانچە ئەسىر  يىراقلىشىپ قالدۇق. شۇڭا خەلقىمىز بىرەر دىنىي مەسىلىگە دەلىل كەلتۈرمەكچى بولسا «ئاللاھ مۇنداق دېگەن» ، «رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ئىمام ئەزەم مۇنداق دېگەن» ، «پالانى ئەۋلىيا، پالانى ئىشان مۇنداق دېگەن» دەيدىغان بولۇپ قالدۇق. بىز مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن يىراق قىلىندۇق.

بىز دىن نامىدىن سادىر قىلغان مۇشۇ ئېغىر قىلمىشىمىز تۈپەيلىدىن كۈچتىن ئايرىلىپ قالدۇق.  بۈگۈنكى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. دۇنيادا ھېچقانداق ئىسلام دۆلىتىنى مۇستەقىل دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ دۆلەت چېگرىسى ئايرىلغان بولسىمۇ، سىياسىتى، ئىقتىسادى چوڭ مۇستەملىكە دۆلەتلەردىن ئايرىلغىنى يوق. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈچى يوق، شۇڭا ئۇلارنىڭ قارار قىلىش ھەققى يوق.

ئاللاھ تائالا بىزنى «دۈشمىنىڭلارغا قارشى كۈچ ۋە جەڭ ئېتى ھازىرلاڭلار» دېگەن ئەمەسمىدى؟ ئەپسۇسكى، بىز بولساق بۇ ئايەتنىڭ تامامەن ئەكسىچە ئىش قىلىپ، دۈشمەنلىك تىغىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ دىنداشلىرىمىزغا قاراتتۇق، بىرىنى بەتمەزھەپ دېدۇق، بىرىنى جەدىدىي دېدۇق. ئەمما دۈشمىنىمىزگە قارشى كۈچ تەييارلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا بىزنى بوزەك قىلىشنىڭ شارائىتلىرىنى تەييارلاپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن كۈچىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، بىز ئەسىرگە ئايلاندۇق. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ  ئاچچىق قىسمەتنى بېشىدىن كەچۈردى، بىز ئۇيغۇرلار كۆپرەكىنى كۆچۈردۇق. شۇڭا دەيمىزكى، دۇنيادا ئەزىز بولۇپ، ھۆر ياشاش ئۈچۈن كۈچ ۋە ئىلىم كېرەك، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىي بىلەن مۇكاپاتلىنىش ئۈچۈنمۇ كۈچ ۋە ئىلىم كېرەك. گەرچە ئاجىزلىق بىلەن نادانلىق ئوخشاش دەرىجىدە زىيانلىق بولسىمۇ، بىر مۇسۇلماننىڭ كۈچسىز، ئاجىز بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ نادان، بىلىمسىز  بولۇپ قېلىشىدىن  ئەلۋەتتە خەتەرلىكتۇر. شۇڭا، بىز قەد كۆتۈرمەكچى بولساق، بىزگە ئىلىم ۋە كۈچ كېرەك. بۇ ئىككىسى بىلەن قوراللىنىپ، بۇ ئىككىسىنى يولىدا ئىشلىتىشنى بىلسەك، بىز دۇنيادا ئەزىز، سەلتەنەتلىك، ئاخىرەتتە ھۆرمەتلىك ۋە جەننەتلىك بولالايمىز.

باشقا خىزمەتلەر