ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا

    شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئەت مەسئۇلى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، 1970- شەرقىي تۈركىستانلىق قاغىلىق ناھىيىسىدە دىنى ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. كىچىكىدىن تارتىپ دىنى تەلىم-تەربىيەنى ئائىلىدە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرى سەۋىيىدىكى دىنى تەلىم-تەربىيەنى قاغىلىقتىكى مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمدىن ئالىدۇ.

    دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا 1987- يىلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كېرىپ  1992-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن، بىر يىل قاغىلىق جامىدا ئىمام ۋە مۇدەررىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1993 - 1997 يىللار ئارىسىدا مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئەرەب تىلىدا بىلىم ئاشۇرىدۇ.

    دوكتۇر ئالىمجان 1998 - 2000 يىللار ئارىسىدا تۈركىيە مەرمەرە ئۇنىۋېرسىتىدا ئىسلام ھوقۇقى (ئىسلام قانۇنى) ساھەسىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 2000 - 2007 يىل ئارىسىدا، ئىسلام ھۇقۇقى (ئىسلام قانۇنى) ساھەسىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 2013 يىلىدىن تارتىپ قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۈنىۋېرىستى ئىلاھىيەت پاكۇلتېتىدا ئۆز كەسپى ساھەسىدە لېكسىيە بەرمەكتە. قەھرامان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا ياردەمچى مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

    ئاللاھ تائالادىن ئۇستازنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز. 

 

ئۆلىمالىرىمىز