ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
خۇاۋېي ۋە ئۇيغۇرلاردىن كېيىن خىتايغا يەنە بىر زەربە: ئەنگىلىيە خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى توختاتتى

خۇاۋېي ۋە ئۇيغۇرلاردىن كېيىن خىتايغا يەنە بىر زەربە: ئەنگىلىيە خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى توختاتتى

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى 5G تورى قۇرۇلۇشىدىن سىقىپ چىقارغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى، 20- ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى مۇددەتسىز توختاتقانلىقىنى جاكارلاپ خىتايغا يەنە بىر زەربە بەردى.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يولغا قويغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى سەۋەبىدىن خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى مۇددەتسىز توختىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب 20- ئىيۇل ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىگە مۇۋاپىق ۋە تەڭ دەرىجىدە بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رائاب خىتاي-ئەنگىلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىنىڭ ئېنىق ۋە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يەنە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئەگەر جىنايى قىلمىش سادىر بولۇپ قالسا، ئەنگىلىيە ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى قارشى تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال يۆتكەش ئىمبارگوسىنى خوڭكوڭغا كېڭەيتىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. 

رائاب يەنە، خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2015-يىلى، ئەينى ۋاقتتىكى باش مىنىستىر داۋىد كامېرون خىتاي-ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىنى «ئالتۇن دەۋر» دەپ ئاتىغان ئىدى، لوندوننىڭ بۇ قارارى بۇ دەۋرنىڭ تارىخقا ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن يەنە بىر قەدەم بولدى.

خىتاينىڭ  ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان چىقارغان خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ۋە خوڭكوڭ بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىش قاتارلىق قارارلىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

19- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رائاب ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېنىقلا ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە خىتايغا قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقنى تەكىتلىگەن ئىدى. 

خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوخشاش پروگراممىدا رائابنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر ئەنگىلىيە راستىنلا خىتايلارنى جازالاش يولىغا ماڭسا، خىتاينىڭ قەتئىي قايتۇرما ھۇجۇم قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

يەكشەنبە كۈنىدىكى پروگراممىدا، ب ب س مۇخبىرى ئىلگىرى ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان قوللىرىغا كويزا سېلىنغان، كۆزلىرى تڭىلغان ۋە بېشى چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پويىزغا چىقىرىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ، خىتاي باش ئەلچىسىدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شيامىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «يىغىۋېلىش لاگىرلىرى يوقلۇقى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» دەك سۆلەرنى قىلىپ گەپ يورغىلاتقان بولسىمۇ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن پەقەت مۇشۇ مەسىلىگىلا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ «ھەممە دۆلەتتە جىنايەتچىلەرنى يۆتكەيدىغان ئىشلار بار» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ مات بولدى. 

2020- يىلى 21- ئىيۇل 

 http://turkistantimes.com/uy/news-13171.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر