ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Ekim 2020

چىكىنىڭ
خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاش يۇقۇملۇق ۋابا تارقالغان شارائىتتا ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاش يۇقۇملۇق ۋابا تارقالغان شارائىتتا ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئىنسانىيەتنىڭ سەردارى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن.

رۇزا ھېيتنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كارانتىنانى يولغا قويغان دۆلەتلەردە ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە تەرەپ- تەرەپتىن سۇئاللار كېلىشكە باشلىدى.

ئىككى ھېيت نامىزى ھەج ۋە رامىزاندىن ئىبارەت ئىككى كاتتا ئىبادەتتىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىبادەت بولۇپ، ئۆلىمالار بۇ نامازنىڭ ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلاردا بولغان:

1-    ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىب. ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىغا كۆرە ھېيت نامىزى جۈمە ۋاجىپ بولغان ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىب.[1]

2-    ھېيت نامىزى ئوقۇش سۈننەت. شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرىغا كۆرە ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى سۈننەت.[2]

3-    ھېيت نامىزى ئوقۇش پەرزى كۇپايە. ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىغا كۆرە ھېيت نامىزى، مۇسۇلمانلاردىن مەلۇم كىشىلەر ئادا قىلسا باشقىلارنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولىدىغان پەرزى كۇپايە نامازدۇر.[3]

ھېيىت نامىزىنىڭ ھۆكمى ئۆلىمالار ئېيتقاندەك پەرزى كۇپايە بولسۇن، ۋاجىب ياكى سۈننەت بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ دەۋرىدىن بۈگۈنگە قەدەر مەسجىد – جامەلەردە ياكى مەيدانلاردا جامائەت بىلەن ئادا قىلىنىپ كەلگەن بىر ئىبادەتتۇر.

          مەسجىد – جامەلەردە ياكى مەيدانلاردا جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ھېيت نامىزىغا ئۈلگىرەلمىگەن كىشى، ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە ھېيت نامىزىنى ئۆيىدە ئايرىم ئوقۇمايدۇ؛ چۈنكى بۇ ناماز پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىن كۈنىمىزگىچە جامائەتسىز يالغۇز ئوقۇلغان ئەمەس، ئوقۇماقچى بولسا، ھېيت نامىزى نىيىتى بىلەن ئەمەس، ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېگىنىدەك، نەفلە نىيىتى بىلەن ئىككى ياكى تۆت رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.[4] ھەنبەلىي مەزھىبىگە كۆرەمۇ باشقىلارنىڭ ئوقۇشى بىلەن پەرز ئادا بولدى، بۇ ئادەمنىڭ ئايرىم ھېيت نامىزى ئوقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئوقۇماقچى بولسا تۆت رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.[5] باشقا مەزھەپلەرگە كۆرە ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.[6] چۈنكى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېيت نامىزىغا ئۈلگىرەلمىگەندە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جامائەت بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى نەقىل قىلىنغان.[7]

بۈگۈنكىدەك مەسجىد – جامەلەردە ياكى مەيدانلاردا جامائەت بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلمىغان ئەھۋالدا ھېيت نامىزىنى قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ئالىملار، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھېيت نامىزىغا ئۈلگىرەلمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمىگە قىياس قىلىپ جاۋابلىغان.

يەنى بۇنداق ئەھۋالدا ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، ھېيت نامىزى ئۆيدە يالغۇز ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولمىغانلىقتىن ئۆيدە ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ، ئۇنىڭ يېرىگە ئىككى ياكى تۆت رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە ئۆيىدە يالغۇز ۋە ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن جامائەت بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزىدا خۇتبە ئوقۇش شەرت ئەمەس، شۇڭا خۇتبە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.

خۇلاسە، ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە ئۆيدە ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدۇ، ئۇنىڭ يېرىگە ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت نەفلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى ھېيت كۈنىسى كۈن چىقىپ 20-30 مىنۇتتىن كېيىن باشلىنىپ تا كۈن تىكلەشكەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ.

ھېيت نامىزى ئادەتتىكى نامازدىن پەرىقلىق ئوقۇلۇدىغان بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە قۇلاق قېقىش تەكبىرىدىن كېيىن يەنە ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە ھەر تەكبىردە قولىنى كۆتىرىدۇ، ئاندىن سۈرە «فاتىھە» بىلەن يەنە بىر سۈرىنى ئۈنلۈك ئوقۇغاندىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا بىۋاسىتە قىرائەتكە كىرىپ كېتىدۇ. ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ ئۈچ تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا چۈشىدۇ. باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە ھېيت نامىزىدىكى قوشۇمچە تەكبىرلەرنى ھەر ئىككى رەكئەتتە قىرائەتتىن بۇرۇن ئېيتىدۇ. شافىئي مەزھىبىگە كۆرە قوشۇمچە تەكبىرلەرنىڭ سانى بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش، باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە بىرىنچى رەكئەتتە ئالتە، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش.

ئالدىمىزدىكى روزا ھېيت كۈنى ئۆيىمىزدە ھېيت نامىزى نىيىتى بىلەن ياكى نەفلە ناماز نىيىتى بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيلى ياكى ئوقۇمايلى، لېكىن روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇستەھەپ ۋە سۈننەت بولغان يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، ئەڭ گۈزەل كىيىملىرىمىزنى كىيىش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە پىتىر سەدىقىسىنى نامازدىن بۇرۇن تەگكۈزۈش قاتارلىق ئەمەللەرنى تەرك ئەتمەيلى.

ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزدىكى مەزلۇم خەلقىمىزنى  بۇ ۋىرۇس بالاسىدىن ساقلىغاي.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

پەتىۋا بۆلۈمى

 

[1] بدائع الصنائع للكاساني، 1/275.

[2] الذخيرة للقرافي، 2/417؛ المهذب للشيرازي، 1/221.

[3] المغني لابن قدامة، 2/272.

[4] المبسوط للسرخسي، 2/39؛ بدائع الصنائع للكاساني، 1/279؛ بداية المجتهد لابن رشد، 1/230-231.

[5] المغني لابن قدامة، 2/289.

[6] شرح مختصر خليل للخرشي، 2/104؛ مختصر المزني (8/ 125)

[7] المغني لابن قدامة، 2/290.