ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
خىتاي دوكلات ئىلان قىلىپ «نوپۇس قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلدى

خىتاي دوكلات ئىلان قىلىپ «نوپۇس قىرغىنچىلىقى»نى ئىنكار قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەتقىقات دوكلاتى ئىلان قىلىپ، غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار «نوپۇس قىرغىنچلىقى»غا ئۇچراۋاتىدۇ دېگەن قاراشلىرىنى ئىنكار قىلدى. گىرمانىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز بولسا، خىتاينىڭ دوكلاتىدا 2000-2018 يىللىرى ئارىسىدىكى نوپۇس سىتاتىستىكىلىرى نەقىل قىلىنغانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 2017- يىلىدىن باشلاپ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

«شىنجاڭ پەلسەپە جەمئىيىتى ئىلمىي تورى» 4- سىنتەبىر بىر تەتقىقات دوكلاتى ئىلان قىلغان بولۇپ، رايون نوپۇسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆسۈش ۋە توغۇلۇش نىسبىتىنىڭ بىردەك رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى» ئىكەنلكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا، يېقىندا گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنىڭ «قىلچە ئاساسى يوق» دەپ تەنقىد قىلىنغان. 

ئادرىئان زېنز بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىلان قىلغان «ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش، توغۇت چەكلەش ئەسۋابى ۋە مەجبۇرىي توغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە توغۇت چەكلەش ئەسۋابى تاقاش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ توغۇت چەكلەش سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاملىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان. 

ئادرىئان زېنز «گىرمانىيە ئاۋازى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن رايونلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايونلار. بىر رايون ھەتتا 2020-يىلدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش نىشانىنى نۆلگە يېقىنلاشتۇردى». ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللەرنىڭ ئاساسەن «رەسمىي ھۆججەتلەر ۋە باشقا ئاممىۋى ئۇچۇرلار» دىن كەلگەنلىكى ئېيتقان. 

خىتاي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «چەتئەللەردىكى شىنجاڭنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ھەققىدىكى پەرەزلەر توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى» دا بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «2010-يىلدىن 2018-يىلغىچە، رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 12 مىليون 985 مىڭ 900 دىن مىليوندىن 15 مىليون 860 مىڭ 800 گە يېتىپ، 287 مىڭ 490 كىشى ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى% 22.14 ؛ ئۇيغۇر نوپۇسى 10 مىليون 171 مىڭ 500 دىن 12 مىليون 718 مىڭغا كۆپىيىپ، 2 مىليون 466 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن، ئېشىش نىسبىتى % 25.04 ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، خىتايلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 829 مىڭ 900 دىن 9 مىليون 6 مىڭ 800 گە كۆپىيىپ، 176 مىڭ 900 كىشى كۆپەيگەن. كۆپىيىش نىسبىتى % 2.0 بولغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە خىتايلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن.» مەزكۇر دۆكلاتتا 2018- يىلىغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. 

ئادرىئان زېنز ئىلخەت ئارقىلىق «گىرمانىيە ئاۋازى»نىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنىڭ 2017، 2018 ۋە 2019- يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكلاتىدا 2010-2018 يىللىرى ئارىسىدىكى مەزگىل تاللىنىپ، نوپۇس كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي سان ئويۇنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا 2016- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە يەرلىك مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى شىددەت بىلەن تۆەنلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دوكلاتىدا بۇ مەزگىل روشەن ئىپادىلەنمىگەن. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13496.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر