ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇلغان 12 نەپەر خوڭكوڭلۇقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇلغان 12 نەپەر خوڭكوڭلۇقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىلارغا «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ، بۈگۈنكى خوڭكوڭ، ئەتىكى تەيۋەن» دەپ يېزىلغان. 

ئىككىنچى «ئۇيغۇرلار»غا ئايلىنىپ قېلىشىتن ئەندىشە قىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلار قورققان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى، تەيۋەنگە قاچماقچى بولغان 12 نەپەر خوڭكوڭلۇق خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلدى، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئىىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئوغرىلىقچە تەيۋەنگە 12 نەپەر خوڭكوڭلۇق ياش خىتاي دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ۋە ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان شىنجىندىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى تۇتقان ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. خوڭكوڭ باش مەمەۇرىي كەررى لام دەسلەپتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى «باشقا ئەدلىيە رايونىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى» ئېيتقان. 

12 نەپەر خوڭكوڭلۇق ياش قاماپ قويۇلۇپ ئۈچ ھەپتە بولغاندا، شىنجىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 13- سىنتەبىر يەكشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ «دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى. شۇ كۈنى كەچ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى 12 نەپەر كىشىنىڭ قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتۈش گۇمانى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئەدلىيە رايونىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى» ئىلان قىلدى. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى يەنە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە «ئىچكىرىدىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلغانلىقى»نى بىلدۈردى. 

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى پوزىتسىيەسى خوڭكوڭ باش مەمۇري كەررى لامنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزلىرىگە زىت بولۇپ، ئەينى ۋاقتتا ئۇ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دىلودا قولغا ئېلىنغان پۇقرالىرىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

قولغا ئېلىنغان بۇ ياشلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۇتقان ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغان، دائىرىلەر كۆپ قېتىم رەت قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەن بۇ ياشلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى 12- سىنتەبىر شەنبە كۈنى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ «مەخپىي قاماپ قويۇلغانلىقى» ۋە ھېچ قانداق ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 16 ياش بولۇپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم بەرمىگەن. ئۇلار تۆت تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ تىزدىن خوڭكوڭغا قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. 

بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېغىز ئۇرۇشى قوزغىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس شەنبە 12-چېسلا تىۋىتتېردا : «قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلىتىنى قورشاپ، پۇقرالىرىنىڭ ئايرىلىشىنى توسۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. 12 نەپەر خوڭكوڭلۇق دېموكراتىك پائالىيەتچىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنىڭ يەنە بىر مىسالى. گۇاڭدۇڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەدلىيە تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك » دېدى. 

بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ يەكشەنبە كۈنى تىۋىتتېردا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ 12 كىشى دېڭىزدا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. ئۇلار دېموكراتىك پائالىيەتچى ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭنى خىتايدىن بۆلۈشكە ئۇرۇنغان.»

http://turkistantimes.com/uy/news-13539.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر