ھىجرىيە: | مىلادىي: 29 Mayıs 2020

چىكىنىڭ
جۇلەيبىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ

جۇلەيبىب

 جۇلەيبىب — مېنىڭكى، مەن — جۇلەيبىبنىڭكى.

— ھەدىس شەرىپ

 

ئۇنىڭ ئىسمى مۇكەممەل بولمىغان بىر ئۆزگىچە ئىسىم ئىدى. «پاكار، ۋىجىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان جۇلەيبىب «جۇلەيب» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، بۇ ئىسىم ئۇنىڭ جۇغىنىڭ كىچىكلىكىگە، بويىنىڭ ھەددىدىن زىيادە پاكارلىقىغا قارىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، باشقىلار ئۇنىڭ سەت، كۆرۈمسىز، كىشىنى بىزار قىلىدىغان تۇرقىغا قاراپ، ئۇنى «دەمىم» دەپ ئاتىشاتتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى جۇلەيبىب ئۆزىنىڭ نەسىبىنى بىلمەيتتى؛ دادىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ قايسى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. بۇ ئۇ ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن چوڭ ئاجىزلىق ئىدى. جۇلەيبىب بۇنداق ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە قەبىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان جەمئىيەتتىن ھېچقانداق ھېسداشلىق، ياردەم، قوغداش ياكى قوللاشنى ئۈمىد قىلالمايتتى. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرەب ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى. يېڭى بىر ئىسلامى جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئەنسارىلارنىڭ بىرى بولدى. ئۇ بەلكىم مەدىنىنىڭ ياقىسىدىكى قەبىلىلەرگە مەنسۇپ بولۇپ كېيىن مەدىنىگە كىرگەن ئىدى، ياكى بولمىسا ئەسلىدىنلا مەدىنىلىك بولغان ئەنسارىلاردىن ئىدى.

يۇقىرىقىدەك ئاجىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن، جۇلەيبىب ھەر قانداق جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇلۇشى ۋە مەسخىرە قىلىنىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەسلەم قەبىلىسىدىن ئەبۇ بەرزە دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئادەم ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن چەكلىگەن ئىدى. بىر قېتىم ئۇ ئايالىغا:

— جۇلەيبىبنى ھەرگىز ئۆيگە كىرگۈزمە، ئەگەر ئۇ ئۆيگە كىرسە، مەن ئۇنى ھەرگىز بوش قويمايمەن، — دېگەن ئىدى. جۇلەيبىب ئەرلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىسا، دائىم ئاياللار جامائەسىگە بېرىپ پاناھلىناتتى.

جۇلەيبىبنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە دىققىتىگە سازاۋەر بولۇشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ھېسسىيات جەھەتتىكى رازىمەنلىكتىن بەھرىمەن بولالىشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ باشقىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىدىن بەھرىمەن بولالىشىدىن ئۈمىد بارمىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بۇ يېڭى جەمئىيەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزلۈكسىز دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ھايات- ماماتلىق مەسىلىلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئالدىدا، ئۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئاددىي بىر ئادەم بولۇپ قالارمۇ؟

تۇرمۇشتىكى چوڭ مەسىلىلەرنى بىلىپ تۇرغانغا ئوخشاش، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نامرات ساھابىلىرىنىڭ ھاجىتىنى ۋە ھېسسىياتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنەتتى. بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ جۇلەيبىبنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئويلاپ، ئەنسارىلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۇنىڭغا:

— مەن قىزىڭنى سوراپ كەلدىم، — دېدى.

— نېمە دېگەن كاتتا ئىش، ئى رەسۇلۇللاھ!، ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، — دېدى بۇ ئەنسارى. ئېنىقكى ئۇ خۇشاللىقتىن يايراپ كەتكەن ئىدى.

— مەن قىزىڭنى ئۆزۈمگە سوراپ كەلمىدىم، — دېدى رەسۇلۇللاھ.

— ئۇنداقتا كىمگە؟ ئى رەسۇلۇللاھ! — دېدى بۇ ئادەم سەل ئۈمىدسىزلىنىپ.

— جۇلەيبىبكە، — دېدى رەسۇلۇللاھ بۇ ئەنسارى رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۈچۈپ كەتتى ۋە ئارانلا:

— مەن ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي، — دېيەلىدى، ئاندىن ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

— رەسۇلۇللاھ قىزىڭنى سوراپ كەپتۇ، — دېدى. ئايالى ناھايىتى ھاياجانلىنىپ:

— نېمە دېگەن ياخشى ئىش! بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ، — دېدى، ئاندىن ئېرى قوشۇپ قويدى:

— رەسۇلۇللاھ قىزىڭنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جۇلەيبىب ئۈچۈن سوراپ كەپتۇ.

ئۇنىڭ ھەيرانلىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

— جۇلەيبىبكە؟ ياق، ھەرگىز جۇلەيبىبكە ئەمەس، ھەمىشە تىرىك ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن قىزىمنى ھەرگىزمۇ جۇلەيبىبكە بەرمەيمەن، — دېدى ئۇ دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ. بۇ ئەنسارى ئايالىنىڭ سۆزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن ماڭماقچى بولۇپ تۇرىۋىدى، ئانىسىنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغان قىز ئانىسىدىن:

— مېنى كىم سوراپ كەپتۇ؟ — دەپ سورىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى جۇلەيبىبكە نىكاھلاپ قويۇش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. قىزى بۇ توي تەلىپىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن قويۇلغانلىقىنى ھەمدە ئانىسىنىڭ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي قارشى تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە:

— سىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدىڭلارمۇ؟ مېنى جۇلەيبىبكە بېرىڭلار، جەزمەنكى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ھەرگىزمۇ يامانلىق قىلمايدۇ.

مانا بۇ مۇسۇلمانلاردىن نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن بىر ھەقىقىي بۈيۈك ئىنساننىڭ جاۋابى ئىدى. مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىپى ۋە بۇيرۇقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشتىن ياخشىراق ۋە ئۇلۇغراق ئۇ خۇشال بولىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىككىنچى بىر ئىش بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان بۇ ساھابىسى ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايىتىنى بىلەتتى:

]ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر- ئايال مۆمىنلەرنىڭ شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، جەزمەنكى دوزاققا كىرىدۇ.[ [سۈرە ئەھزاب 36- ئايەت].

بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان، ئىسلامنىڭ باراۋەرلىك روھىنى تەكىتلەيدىغان زەينەب بىنت جەھش بىلەن زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ تويى توغرىسىدا نازىل بولغان ئىدى. زەينەب ئىلگىرى بىر قۇل بولغان زەيدكە ياتلىق بولۇشتىن ناھايىتى نۇمۇس قىلىپ، ئۇنى رەت قىلغان ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئىككىسىگە نەسىھەت قىلىپ، ئاندىن توي بولدى. بۇ نىكاھ زەينەبنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق بولغان ئىدى. بۇ ئەنسارى قىز ئاتا- ئانىسىغا يۇقىرىقى ئايەتنى ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن:

— مەن رەسۇلۇللاھ ماڭا ياخشى دەپ قارىغان ئىشتىن رازى بولىمەن ۋە ئىتائەت قىلىمەن، — دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىزنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

—ئى رەببىم! ئۇنىڭغا دەرگاھىڭدىن كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى جاپا- مۇشەققەتلىك تۇرمۇش قىلمىغىن.

ئېيتىلىشىچە، ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن ياخشىراق كېلىن بولمىغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن جۇلەيبىبكە ياتلىق قىلىندى ھەمدە تاكى جۇلەيبىب شېھىت بولغۇچە ئۇلار بىللە ياشىدى. جۇلەيبىب قانداق شېھىت بولدى؟ ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر غازاتقا چىققان ئىدى. ئۇلار بىر توپ مۇشرىكقا ئۇچراپ قېلىپ قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن سورىدى:

— سىلەر بىر كىمنى يوقىتىپ قويدۇڭلارمۇ؟

— ئۇلار شېھىت بولغان تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سوئالنى باشقا ساھابىلەردىن سورىۋېدى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۇرۇشتا شېھىت بولغان يېقىن دوستلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتى. يەنە بىر توپ ساھابىلەر ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئەمما مەن جۇلەيبىبنى يوقىتىپ قويدۇم، ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۇنى ئىزدەپ بېقىڭلار، — دېدى. ئۇلار ئۇنى يەتتە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدا ياتقان ھالىتىدە تاپتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پاكار ۋە كۆرۈمسىز ساھابىسى جۇلەيبىب ياتقان يەرگە كەلدى، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ:

— ئۇ يەتتە مۇشرىكنى ئۆلتۈرۈپ ئاندىن شېھىت بوپتۇ، جەزمەنكى جۇلەيبىب— مېنىڭكى؛ مەن— جۇلەيبىبنىڭكى، — دېدى ۋە بۇ سۆزىنى ئىككى- ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئاندىن ئۇنى بىلەكلىرى ئارىسىغا ئېلىپ كۆتۈردى. ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھنىڭ بىلەكلىرىدىن ياخشىراق ئىككىنچى بىر كارىۋات بولمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىر قەبرە كولاپ، ئۆزى يەرلىكتە قويدى. ئۇ يۇيۇلمىدى، چۈنكى شېھىتلار يۇيۇلمايلا، كىيىملىرى بىلەن دەپنە قىلىناتتى.

جۇلەيبىب ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئادەتتە قىلغان ئەمەللىرى تەرىپلىنىدىغان، قەھرىمانلىق ئىش- پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئىخلاس ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان ساھابىلەرنىڭ ئارىسىدا تىلغا ئېلىنمايتتى. ئۇلار توغرىسىدىكى ماتېرىياللار كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاكىتلاردىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىدىن باشقىلارنى ئارتۇق كۆرىدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىر چاغلاردا جۇلەيبىب ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش ئىچىدە قالغان ئىدى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۈمىد ۋە قەدىر- قىممەت ئېلىپ كەلدى. ناتونۇش ۋە ئىسمى بىلىنمىگەن، جىسمانىي جەھەتتە كەمتۈك بىر ئادەمنىڭ ئايالى بولۇشقا دەرھال رازى بولغان بۇ ئەنسارى قىزنىڭ پەزىلىتى بولسا، ئىسلامنى ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر چۈشەنگەن بىر ئېسىل پەزىلەت ئىدى. ئۇ جۇلەيبىبكە ياتلىق بولۇشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئاتا- ئانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ- ھەۋەسلىرىدىنمۇ پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىنى ئەلا بىلدى. ئۇ جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ۋە قارشىلىقىغا قاراپ قالمىدى. ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە ھەر قاچان ئۆزىنى پايدىلىق ئىشقىلا بۇيرۇيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچى بار ئىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي مومىنلارنىڭ ئىمانى ئىدى.

ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلەنگەن ۋە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان جۇلەيبىب، ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردىمى، ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە تەسەللى بېرىشى ئارقىلىق ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسىتىشكە ۋە ئەڭ ئالىي قۇربان بېرىشكە، يەنى شېھىتلىققا ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولالىدى.

مەنبە: ساھابىلار ھاياتى