ھىجرىيە: | مىلادىي: 27 Mayıs 2018

چىكىنىڭ
تۇرمىدا شېھىت قىلىنغان مەرھۇم ئابدۇلھەمىد داموللاجىم ھەققىدە بايانات

 

تۇرمىدا شېھىت قىلىنغان مەرھۇم ئابدۇلھەمىد داموللاجىم ھەققىدە بايانات

   شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن، ئىسلاھاتچى، مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇلھەمىد داموللاھاجىمنىڭ خىتاي تۇرمىسىدا شېھىت بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. مەرھۇمنىڭ جايى جەننەت، ماقامى فىردەۋس بولغاي.. ئامىن!

    مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللاجىم قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بۇلاق بېشى يېزىسىدا ياشىغان بولۇپ، كېيىنچە قەشقەر شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك يىللىرىنىڭ بىر ى بولغان ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا زەينۇل ئابىدىن مەۋلىۋى داموللام، ئابدۇرەشىد قارىھاجىم قاتارلىق ئۆلىمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ۋەزىيەت بىر قەدەر يۇمشىغان 1984 – يىللاردىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، بىۋاسىتە ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. 1984 –1997 – ئارىسىدا ئۆزى بىنا قىلغان توققۇز تاش مەسچىتىدە خاتىب بولغان. 80 – يىللاردىن 1996 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا، يۈزلەرچە ئىلغار پىكىرلىق دىنىي زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭىچە پىكىر بىلەن تونۇشىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

   1989 – يىلى قەشقەر شەھەرلىك خەلق باشقۇرۇشىدىكى تىل – تېخنىكا مەكتىپىنى قۇرۇپ، چەت ئەل تىللىرى، دوختۇرلۇق، سېسترالىق كەسىپلىرى بويىچە كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئۇل سالغان ۋە بۇنىڭغا يانداش، تىل – تېخنىكا مەكتىپى دوختۇرخانىسى، دېگەن نامدا ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بىر دوختۇرخانا قۇرۇپ چىقىپ، كۈچىنى كەمبەغەللەرنى داۋالاشقا مەركەزلەشتۈرگەن. 1996 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىنى تاقىۋېتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسىي مەكتىپىگە ئايلاندۇرغان.

   داموللام مەكتەپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاقىۋېتىلگىچە بولغان جەرياندا، مەكتەپنىڭ نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. خىتاي دائىرىلىرى مەكتەپ تاقىۋېتىلىشىگە ئۇلاپلا ئابدۇلھەمىد داموللامنى ئىماملىق، خاتىبلىق، نىكاھ قىلىش، ھەتتا ئىسىم قويۇشقىچە بولغان بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن قەشقەر شەھىرىدىكى چاسا كوچا باشقارمىسى جانقورغان مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە 20 يىلدىن بىرى نەزەربەنت قىلىپ، ئىشىكى ئالدىغا مۇقىم ئىككى ساقچىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

  مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللا ھاجىم بىر قانچە ئاي ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بىر ھەپتە ئىلگىرى تۈرمىدا سەكسەن يېشىدا قازا قىلغان. مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللامنى ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، رەھىمسىزلەرچە تۇرمىغا تاشلاپ، زىنداندا ھاياتىدىن ئايرىلىشقا سەۋەپ بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا دەرھال خاتىمە بىرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن  خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىشىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ 17 كۈنى / ھىجىرىيە 1438 – يىلى 22 – رامىزان

ئىستانبۇل / تۈركىيە

 

 

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر