ھىجرىيە: | مىلادىي: 21 Şubat 2018

چىكىنىڭ
بەخت_ سائادەت ئېلىشتا ئەمەس، بېرىىشتە

بەخت_ سائادەت ئېلىشتا ئەمەس، بېرىىشتە
مۇھەممەد يۈسۈپ

رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمقى ھىندىستان پادىشاھلىرىدىن بىرى ئىنتايىن بەختسىز ھايات كەچۈرىدىكەن، ئۇنىڭ كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز، غەمكىن ئۆتىدىكەن. ئۇستا تېۋىپلەرنى چاقىرتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى پادىشاھنىڭ بەختسىزلىكىگە چارە تاپالمايدىكەن. بىر كۈنى بىر ھەكىم پادىشاھنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ قەسرىگە كېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بوپتۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: شان_ شەۋكەتلىك پادىشاھىم! سىلىنىڭ بۇ بەختسىزلىك كېسەللىرىنىڭ شىپاسى يوق، پەقەتلا بىر چارە بار. شۇنى قىلىپ كۆرسىلەر بەلكى بەختلىك بولۇپ قالىلا دەپتۇ. پادىشاھ ئالدىراپ_ تېنەپ ئۇنىڭغا: بولدى، مەن سىلى دېگەن شۇ چارىنى بىر قىلىپ باقاي، ئۇ قايسى چارە بولغىيتى، ئېيتىپ بەرگەن بولسىلىكەن دەپ ئۆتۈنۈپتۇ. ھەكىم پادىشاھقا: پادىشاھىم! ئۇنداقتا، سىلى ئەڭ بەختلىك ئادەمنى تېپىپ، شۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىكىنى كىيىۋالسىلا، شۇ چاغدا سىلى بەختلىك بولۇپ قالىلا دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بەختلىك ئادەم ئىزدەش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ھەر تەرىپىگە بېرىپتۇ، كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان ھەربىر ئادەمدىن سەن بەختلىكمۇ؟ دەپ سوراپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى مەن بەختلىك ئەمما ئايالىم بىلەن چىقىشالمايۋاتىمەن دېسە، يەنە بىرى: مەن بەختلىك ئەمما كېسەلچان ئادەمممەن دەپتۇ، يەنە بىرى: مەن بەختلىك ئەمما بەك يوقسۇلمەن دەپتۇ. پادىشاھ شۇنداق قىلىپ، كۈلۈمسىرەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرەردىن قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بايقاپتۇ. پادىشاھ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ تۇرسا، جاڭگال تەرەپتىن مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى كەپتۇ. پادىشاھ كۆڭلىدە بەلكى بۇ ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەم بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتۇ_دە، دەرھال جاڭگال تەرەپكە يول ئېلىپ، ناخشا ئاۋازى كەلگەن جايغا كەپتۇ، قارىسا بىر ئادەم يالغۇز ئولتۇرۇپ ناخشا ئېتىۋېتىپتۇ. ئادەمدىن سەن بەختلىكمۇ؟دەپ سوراپتۇ پادىشاھ. ئادەم ھەئە، مەن بەكمۇ بەختلىكمەن، ھېچقانداق دەردىم يوقدەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ئۇنداقتا، كۆڭلىكىڭنى بېرىپ تۇرغىن، مەن ئۇنى كىيىپ بەختلىك بولۇۋالايدەپتۇ. ئادەم پادىشاھنىڭ كۆزىگە تىكىلگەن ھالدا پادىشاھىم! كۆڭلىكىمنى سىلىگە بەرسەمغۇ بولاتتى، ئەمما مەن ئۇنى خېلى بۇرۇنلا ئېھتىياجلىق بىرسىگە بېرىۋەتكەن ئىدىمدەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئويلىنىپ كېتىپ: بەخت _ سائادەت ئېلىشتا ئەمەس، بېرىشتە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ.