ھىجرىيە: | مىلادىي: 9 Ağustos 2020

چىكىنىڭ
بىرلەشمە ئاگېنتلىق: خىتاي نوپۇس سىياسىتى ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىق: خىتاي نوپۇس سىياسىتى ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايلارنى مەخپىي تۇغۇشقا ئىلھاملاندۇرغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ نوپۇس سىياسىتى ئارقىلىق پەردىلەنگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، ستاتىستىكا مەلۇماتلىرى ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاساس قىلغان. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر قەرەللىك ھالدا تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھامىلىدار ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار يەنە تۇغۇت چەكلەش ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىكەن، ھەتتا ئونمىڭلىغان ئاياللار ئۈچۈن بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئومۇمىي جەھەتتىن تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى ئىشلىتىش ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپراتسىيىسى يېقىنقى يىللاردا ئازايغان، ئەمما بۇ ئىككى سان شەرقىي تۈركىستاندا تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. «پىلاندىن كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» ئائىلىلەر يا يۇقىرى جەرىمانە تۆلەيدۇ ياكى تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ.

قازاق ئايال گۈلنار ئومىرزاكنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئۈچىنچى بالىسىنى تۇغقاندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭدىن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى 1-ئايدا، خىزمەت فورمىسى كىيگەن تۆت نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانە تالونىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇنى ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولغان دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئەگەر جەرىمانە تۆلىمىسە، ئۇنىڭمۇ ئېرىدەك «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئىنتايىن قىيىن ھالەتتە قالىدۇ، كېيىنچە قەرز ئېلىپ جەرىمانە تۆلەيدۇ ۋە ئارقىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىقىدۇ. 

خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇش نىسبىتى% 60 تۆۋەنلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق تۇغۇتقا نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونىنى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا دۆلەت بويىچە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايونغا ئايلاندۇرغان. ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسىس ئادرىئان زېنز بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئالاقىدار دوكلاتلارنى «ئاساسسىز» ۋە «ساختا خەۋەر» دەپ ئەيىبلىدى ۋە «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى» نى تەكىتلىدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ خىتاي ئائىلىسىدىن كۆپ بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر شەھەر ئائىلىلىرى ئىككى بالىلىق بولىدۇ، يېزا ئائىلىلىرى ئۈچ بالىلىق بولسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلدىن كېيىن، خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسىنى تەدرىجىي يېنىكلەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەنە بىر بالىلىق بولالايدىغان قائىدىسىنى بىكار قىلغان. «ھەر مىللەت باراۋەر» بولۇش يەنى بارلىق كىشىلەر «شەھەر ئائىلىلىرى ئىككى بالىلىق، يېزا ئائىلىلىرى ئۈچ بالىلىق بولۇش» قائىدىسىنى يولغا قويغان. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، گەرچە قانۇندا «بارلىق مىللەتلەر باراۋەر» دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاياللاردىن تۇغۇت چەكلەش ھالقىسى تاقاش ئوپېراتسىيىسى ياكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشى ناھايىتى ئاز تەلەپ قىلىنغان. كۆپ توغۇش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىغاندە تۆۋەن بولغان. گۈلنار ئۆمەرزاكقا ئوخشاش يېزا مۇسۇلمانلىرى ئاشۇرۇپ پەرزەنتلىك بولمىغان (ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان) ئەھۋالىدىمۇ، ھۆكۈمەتتىن جەرىمانىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. 

جەمئىي 15 ئۇيغۇر ۋە قازاق ئايال بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ «ئارتۇق پەرزەنتلىك» بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىل تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ئادەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسى تاقاشقا مەجبۇرلانغان ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئوكۇل قىلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دائىرىلەر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بۇ نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقۇن ئىدىيىلەرنى پەيدا قىلىدۇ دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن. كولورادو ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى داررېن بايلېر بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاسەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ.» ئەنگىلىيە نېۋكاستىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جوئاننا سىمىس فىنلېي بۇنىڭ بىۋاسىتە ۋە ھەيران قالارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇ ئاستا خاراكتېرلىك، ئازابلىق ۋە تەدرىجىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

2020-يىلى 29ئىيۇن 

 http://turkistantimes.com/uy/news-13030.html

 

باشقا خىزمەتلەر