ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
بىرلەشمە ئاگېنتلىق: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نامەلۇم دورا ئىچىشكە مەجبۇرلىماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىق: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نامەلۇم دورا ئىچىشكە مەجبۇرلىماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كورونا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى نامىدا خەلقنى ئۆيىگە قاماپ ئاچ قويۇشى ۋە نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. 

ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ 31- ئاۋغۇسستىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئايال خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئوننەچچە ئايال بىلەن بىرگە بىر كامېرغا قاماپ قويۇلغان. 

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارغا ھالسىزلاشتۇرۇدىغان ۋە كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇدىغان بىر خىل دورا ئىچكۈزۈلگەن بولۇپ، گۇندىپايلار ئۇلار دورىنى يۇتقىچە قاراپ تۇرغان. گۇندىپايلار ئۇلارنى ھەپتىدە بىر يالىڭاچلاپ يۈزىنى يېپىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇلارغا ۋە كامېرغا «ئۆت ئۆچۈرگۈچىلەر»گە ئوخشاش سۇيۇقلۇق پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلغان. 

خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇ كۆيدۈرگۈچى» بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا، «مېنىڭ قوللىرىم قاپىرىپ، تىرىلىرىم تۆكۈلۈپ كەتتى» دېگەن. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تىبابەت دورىلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ھەققىدە كېلىنكىلىق مەلۇمات كەمچىل بولۇپ، شەرقىي تۈركىساندا كەڭ ئىشلىتىلگەن «چىڭفېي پەيدۇ» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆسۈملۈك دورىسىنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا ۋە راك پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەر كۆپ بولغاچقا، ئامېرىكا، گىرمانىيە ۋە شۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چەكلگەن.  

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ قېتىمقى قامال 45 كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، بۇ ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇيان 826 يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان. لېكىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىلغان. كورونا ۋىرۇسنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولغان ۋۇخەندە 5000، خۇبېي ئۆلكىسىدە بولسا 68 مىڭ يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، لېكىن ئۇ يەردە كىشىلەر بۇ يەردىكىدەك نامەلۇم خىتاي تىبابىتى دورىسى ئىچىشكە مەجبۇرلانمىغان. ئۇلارنىڭ سىرتتا چېنىقىشى ۋە ماگېزىنلارغا بېرىشى چەكلەنمىگەن. 

ئىيۇننىڭ بېشىدىن بۇيان 300 دىن ئارتۇق يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بېيجىڭدىمۇ تەدبىرلەر ئوتتۇراھال دەرىجىدە بولۇپ، پەقەت مەلۇم رايونلار بىر نەچچە ھەپتىلا قامال قىلىنغان. بېيجىڭغا سېلىشتۇرغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كارانتىنغا ئېلىنغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىق ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، بۇ ھەتتا يۇقۇم مەركىزى ئۈرۈمچىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلارغىچە كېڭەيتىلگەن. 

خىتايدا ھايات نورماللىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق رايوننى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرغان. 

بىر ئايدىن كۆپرەك قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن بۇ خانىم قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئۆيىگە قامال قىلىنغان. ھازىر شارائىت ياخشلانغان، لېكىن ئۇنىڭ بىرلەشمە ئاگنېتلىققا ئېيتىشىچە، قەرەللىك تەكشۈرۈشلەر ئۇنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قامالدا ياشىماقتا ئىكەن. 

ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىملىرى كۈندە بىر قېىتم ئۇنى ھېچ قانداق خەت يېزىلمىغان ئاق بوتۇلكىغا قاچىلانغان ئەنئەنىۋىي تىبابەت دورىسى ئىچىشكە مەجبۇرلايدىكەن، ئەگەر ئىچمىسە قاماپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالىدىكەن. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قامال قىلىشتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردىن سىرت، خىتايلارمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان. ۋاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي ئايال ئۆزىنىڭ تولۇق قوغدىنىش كىيىمى كىيگەن بىر تىببىي خادىم ئالدىدا نامەلۇم دورا ئىچىۋاتقان رەسىملىرىنى ئاممىۋى تاراتقۇلار ھەمبەھىرلىگەن. ۋاڭ فامىلىلىك بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ ھېسابىدىكى مەزمۇنلار باشقا نۇرغۇن ھېسابلاردىكى يوللانمىلار بىلەن بىردەك ئىكەن. بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى ئارىسىدا سودا قىلدىغان بىر خىتاي ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كارانتىنغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەش قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇ ھېسابىدىكى يوللانمىلار ئۆچۈرۈلگەن ۋە ئۆزىنى بىلىۋېلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان خىتاينىڭ مىللەتچى ۋە دىكاتور رەھبىرى شى جىنپىڭ خىتاي ئەنئەنىۋىي تىبابەت دورىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بەزى دوختۇرلار خىتاي تىبابەت دورىلىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈمى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارالىق تىببىي ژورناللاردا بۇنى كىلىنكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلايدىغان ماقالىلەر ئىلان قىلىنمىغان. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13468.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر