ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدە خىتاي بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 14- سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچلىقىغا قارشى قارشى نارازىلىق سادالىرى كۈچەيمەكتە. 

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت جەنۋەدە ئېچىلغان كېڭەش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئىشخانام خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتىدۇ.»

ئۇ يەنە خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ھەر قانداق سەلبىي ئاقىۋەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

http://turkistantimes.com/uy/news-13542.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر