ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ئۈممەتكە ياراملىق ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر

ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ئۈممەتكە ياراملىق ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر

 ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۇرەيم

 (13/2/1433هـ 7/1/2012م)

 ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «جەمئىيەت كىشىلىرى ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ياراشتۇرۇش، ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۈممەتكە ياراملىق ئىنسانلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش، ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچىنىڭ ئوزۇقى ۋە قورققۇچىنىڭ كۆزەتچىسىدۇر، تەقۋادارلىق بىلەن بەندىگە ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىلىدۇ، ھەر قانداق بالايى-مۇسىبەتتىن قۇتۇلىدۇ ۋە ھەر قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە چىقىش يولىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

 {أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ}

{راستلا اﷲنىڭ دوسىتلىرىغا (ئاخىرەتتە اﷲنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر}[1].

بەزى ئادەملەرنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ بالىلىرى تۇرۇقلۇق، تۈرلۈك شەكىلدە يارىتىلىشى، چۈشەنچىلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، قىزىقىشلىرى ۋە تەبىئىتىنىڭمۇ ئوخشاش بولماسلىقى، ئىنتايىن مۇھىم سىناق ۋە ئىمتىھاندۇر. ئىنسانلار ئىچىدە تەمكىن ۋە مېھرىبان كىشىلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۆتكۈر، ئەخلاقى گۈزەل ۋە يۈكسەك پەزىلەتلىك بولۇپ، ئاڭلىغانلا نەرسىگە ھاياجانلىنىپ ياكى غەزەپ-نەپرەتلىنىپ كېتىپ ئاخىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا كىرىپ قالمايدۇ. ئىنسانلار ئىچىدە بەزى تەنتەكلەرمۇ بار، ئۇلار يوقىلاڭ گەپ-سۆزلەرگە ئالەمنى-مالەم قىلىۋېتىدۇ، ئۇلار ئالدىراڭغۇ، كۆزى كىچىك ۋە ئەخمەق بولۇپ، يوقىلاڭ نەرسىلەرگە غەزەپلىنىپ تۈگىمەس غەم-قايغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ تىلى ئەقلىدىن بۇرۇن سۆزلەيدۇ، قولى، قەلبى ۋە مىڭىسىدىن بۇرۇن ھەرىكەتلىنىدۇ.

شۇلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك كىشى، مۇئمىن ۋە ئىسلاھاتچى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ دانا ھېكمىتى بىلەن ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا كۆندۈرىدۇ. بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭغا خالىسانە دۇئا قىلىدۇ ۋە يوق يېرىدە ماختايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا تونۇشۇشى، مېھرىبانلىق ۋە ئىللىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئالاھىدە خىسلەتلەر بولۇپ، ئىللىق مۇئامىلە ئىنسان قەلبىدە مۇھەببەت رىشتىسىنى قوزغايدۇ ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇنسى-ئۈلپەت پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش قانۇنىيىتى بىرى-بىرىنى تولۇقلىغۇچىدۇر.

كىشىلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىغا قارايدىغان بولساق، كىشىلىك تۇرمۇشنى بۇزىدىغان، مۇھەببەت-ئۈلپەتنى بۇلغايدىغان، دوستلۇق ۋە ساپلىقنى غۇۋالاشتۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغانلارنى كۆپلەپ كۆرمەكتىمىز. ئۆزىدىن باشقىغا ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنىڭ قارىشىنىلا توغرا دەپ قارايدىغان ۋە باشقىلارنىڭ پىكىر،كۆز- قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلار كۆپلەپ مەۋجۇت. بەزىلەرنىڭ تىلى ۋە قەلىمى ئالىم بىلەن جاھىلنى، پادىشاھ بىلەن گاداينى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

بىلىش كېرەككى، ئاداۋەت بالايى-مۇسىبەتتۇر. يارىشىش رەھمەتتۇر. ھەر قانداق مىللەت ئىچىدە بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە چىقىشىپ ئۆتۈش ئېڭى ئۆزلىشىدىكەن، ئىشلىرى ئوڭغا تارتىدۇ. ئىنسانلار ئارىسىدا ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك، تەپرىقىچىلىك ۋە نەپرەت ئۇرۇغىنى چېچىش، ئۈممەتنى ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسانىيەت مىھرىبانلىق ۋە رەھىمدىللىقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچقانداق ئىسلاھاتچىنى كۆرمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبىلىلەر ۋە شەخسلەر ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغان، ھەتتاكى گورۇھلار، ئەر-خوتۇنلار، سودىگەرلەر، قەرىزدارلار ۋە قان قىساسى بارلارنىڭ ئارىسىنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ ياراشتۇرغان.

ئىسلاھ قىلىش دوستلۇقنىڭ ۋە ئاداۋەتنى يۇيۇشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. سۈلھى قىلىش كۆپ ۋاقىتلاردا كەچۈرۈمچانلىق خىسلىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەجرى كۆپ بولىدۇ. مۇسۇلمان ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر، ئائىلىدە زىددىيەت-ئىختىلاپلار كۆپ بولسا، جەمئىيەتتە زىددىيەت كۆپىيىدۇ. زىددىيەتنىڭ ئاقىۋىتى ۋەيرانچىلىق ۋە سەرسانلىقتۇر. جەمئىيەتتىكى ئائىلە تۇرمۇشىغا قارايدىغان بولساق، ئاددى سەۋەبلەر ۋە ئەرزىمەس گەپ-سۆزلەر بىلەن زىددىيەت تۇغۇلىدۇ. ئايال كىشى ئاشنىڭ تۇزىنى كەم قىلىپ قويغان  ۋە ئىشىكنىڭ ئاچقۇچىنى يوقىتىپ قويغان، دېگەندەك ئاددى سەۋەبلەر بىلەن تالاق قىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى بولسا، ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئىسلاھ قىلىش ۋە زىددىيەتنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، تۇرمۇشنىڭ پاراۋانلىقىنى خالايدۇ. شۇنداق بولغاندا جەمئىيەت مۇكەممەل ساقلىنىپ قالىدۇ.

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

{وَإِنۡ خِفۡتُمۡ شِقَاقَ بَيۡنِهِمَا فَٱبۡعَثُواْ حَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهِۦ وَحَكَمٗا مِّنۡ أَهۡلِهَآ إِن يُرِيدَآ إِصۡلَٰحٗا يُوَفِّقِ ٱللَّهُ بَيۡنَهُمَآۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرٗا}

 {ئەگەر ئەر- خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھ ئەگەر بۇ ئىككى كىشىنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئەر- خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر}[2].

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى



[1]   سۈرە يۇنۇس:  62-  ئايەت

[2]   سۈرە نىسا: 35- ئايەت

 

باشقا خىزمەتلەر