ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Eylül 2020

چىكىنىڭ
ئەنگىلىيەلىك ئادۋوكات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە

ئەنگىلىيەلىك ئادۋوكات ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە

 

ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن لوندوندا مۇستەقىل سوت كوللېگىيىسى چاقىرماقتا. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر سوتنىڭ كېلەر يىلى بىر نەچچە كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يېڭى دەلىل-ئىسپات ۋە گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاشكارىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ سوت 2017-يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قىلغان زىيانكەشلىكى ئۈچۈن خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇنۇشىدۇر. 

ئىلگىرى سېربىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سلوبودان مىلوسېۋىچنى بالقان ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئەيىبلەشكە رەھبەرلىك قىلغان ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئادۋوكات جېئوفرېي نىس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان «داۋام قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى تەكشۈرۈشنى تەكلىپ قىلىنغان. 

نىسنىڭ چارشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، خىتايغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر «سوراش ۋە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئاللار» بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئەيىبلەشلەر ئەزەلدىن ئوچۇق-ئاشكارە تەكشۈرۈلمىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. دوكلاتتا بايقىلىشىچە، دائىرىلەر ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنى قەرەللىك ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى ئۈسكۈنىلىرى تاقاش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىكەن. نۇرغۇن كىشى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» جىنايىتى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا ئەۋەتىلدى.

نىسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دېيىشكە بولىدىكەن. 

http://turkistantimes.com/uy/news-13476.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر