ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Ekim 2020

چىكىنىڭ
ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسى ھېنرى سمىت يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ئۈستىدىن باشلىغان تەكشۈرۈشلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «كراۋلي خەۋەرلىرى 24» قانىلىدا ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىدىنمۇ مۇھىمراق بىرەر تېما يوقلۇقىنى ئېيتتى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاز سانلىقلار خىتاي كوممۇنىست دىكتاتورلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىندى. شىنجاڭدىن چىقىۋاتقان رەسىملەرگە قارىغىنىمىزدا بۇلارنى دەرھال ناتسىستلار گېرمانىيەسى سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە سېلىشتۇرماي تۇرالمايمىز.»

ئۇ يەنە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىدە مەسئۇلىيىتى بار خادىملىرىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك جازا تەدبىرلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

16-سېنتەبىر، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

 http://turkistantimes.com/uy/news-13576.html

خەۋەرلەر

باشقا خىزمەتلەر